تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

شۈ دادا ۋە ئۇنىڭ ئىككى ‹‹قىزى››

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دۇڭ چېڭجۇڭ

  ‹‹دادام بۈگۈن بىزنى تاغقا يامىشىشقا ئاپاردى، سىڭلىمنىڭ ماشىنىدا كۆڭلى ئېلىشقانىدى، دادام ئۇنى قۇچىقىغا ئېلىپ ئولتۇردى، مېنى قۇچىقىغا ئالمىدى، مېنىڭ كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى! بۇ دادامنىڭ سىڭلىمنىلا ئارزۇلىغىنى – دە...››. بۇ، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قۇمباش يېزىسى ئاياقباغ كەنتىدىكى 11 ياشلىق خانقىز توختىنىيازنىڭ 8 – ئاينىڭ 12 – كۈنى كۈندىلىك خاتىرىسىگە يازغان بىر ئابزاس سۆزى ئىدى.

  خانقىزنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدە تىلغا ئالغان دادىسى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سودا ئىدارىسىنىڭ كادىرى شۈ گوتاۋ ئىدى. 2017 – يىلى 11 – ئايدا، شۈ گوتاۋ ئائىلە زىيارىتى جەريانىدا خانقىزنى قىزى قىلىۋېلىپ، ئۇنىڭغا شۈ زىيۈەن دەپ ئىسىم قويدى.

  شۈ گوتاۋ قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش جەريانىنى تىلغا ئالغاندا ئەسلەپ مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى بىز ئائىلە زىيارىتى قىلىۋاتساق، بۇ قىزچاق بىزگە ئىزچىل ئەگىشىپ ماڭدى، مەن ئۇنىڭ ناھايىتى ئوماقلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى سىناش تەرىقىسىدە مېنى ‹‹دادا›› دەڭە دېسەم، ئۇ شۇ ھامانلا مېنى ‹‹دادا›› دەپ چاقىردى. مېنىڭ 16 ياشقا كىرگەن ئوغلۇم بار، مەن ئىزچىل قىزىم بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم، شۇڭا بۇ قىزچاقنى قىزىم قىلىۋېلىشنى ئويلىدىم. قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقاندىن بۇيان، بىز تاماقتا، يېتىپ – قوپۇشتا ئىزچىل بىللە بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتتۈق، رىشتىمىز مانا مۇشۇنداق باغلاندى.

  خانقىزنىڭ ئاتا – ئانىسى دېھقان بولۇپ، ئائىلىسىدە تۆت جان بار ئىدى، يىللىق كىرىمى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمەيتتى. شۈ گوتاۋ خانقىزنى قىزى قىلىۋېلىش ئارزۇسىنى ئېيتقاندا، خانقىزنىڭ ئاتا – ئانىسى خۇشاللىق بىلەن قوشۇلدى.

  شۈ گوتاۋ خانقىزغا تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىش مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن، بۇ يىل 3 – ئايدا ئۇنى ئاقسۇ شەھىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە يۆتكىدى، شۇنداقلا ئۇنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقى سەۋىيەسىگە ئاساسەن ئۆگىنىش پىلانى تۈزۈپ بەردى، ئۇنىڭدىن ھەر كۈنى تاپشۇرۇقىنى تۈگەتكەندىن كېيىن بىر پارچە كۈندىلىك خاتىرە يېزىشنى تەلەپ قىلدى.

  5 – ئاينىڭ 7 – كۈنى، شۈ گوتاۋ يەنە بىر قېتىم ئاياقباغ كەنتىگە كەلگەندە، نامرات ئاھالە ئوسمان مەتنىيازنىڭ ئون ياشلىق قىزى گۈلگىنە ئوسمان شۈ گوتاۋنىڭ كەنتتە بىر قىزچاقنى قىزى قىلىۋالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭمۇ شۈ گوتاۋنى دادا قىلىۋېلىش ئويىغا كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

  ـــ تاغا، بۇنىڭدىن كېيىن مەنمۇ سىزنى دادا دەپ چاقىرسام بولامدۇ؟، ـــ دەپ سورىدى گۈلگىنە شۈ گوتاۋدىن.

  ـــ بولىدۇ! ئۇنداقتا سىز خانقىزغا ھەمراھ بولغۇدەكسىز، ـــ شۈ گوتاۋ قىزچاقنىڭ تەلىپىگە قوشۇلدى. ئۇ قىزلىرىنى بىر جۈپ قىلىۋالسا، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشى، پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا پايدىسى بار دەپ ئويلىدى، شۈ گوتاۋ گۈلگىنەنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، گۈلگىنەنىمۇ ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى.

  شۈ گوتاۋ ئىككى قىزنى بېقىۋالغاندىن كېيىن، ئۇلارغا ئۆگىنىش ماتېرىياللىرى، كىتاب ئېلىپ بەردى، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئۇلارنى بازارغا ئېلىپ چىقىپ، كىيىم – كېچەك ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئېلىپ بەردى.

  خانقىزنىڭ دادىسى توختىنىياز ئىسمائىل كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: شۈ گوتاۋ قىزىمغا دادا بولغاندىن كېيىن، قىزىم خېلى ئىش ئۇقىدىغان بولۇپ قاپتۇ، ئۆگىنىشى ياخشىلىنىپلا قالماي، يەنە باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، كۆيۈنىدىغان بوپتۇ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنىمۇ ئۆگىنىپتۇ.

  گۈلگىنەنىڭ ئانىسى بۇنىيازخان زوردۇن مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىزنى بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئايلاندۇردى، قىزىمنىڭ شۈ دادىسى ئۇنىڭغا بەك جىق مېھىر – مۇھەببەت بەردى، بىز شۈ ئائىلىسىگە كۆپتىن – كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.

  ـــ شۈ گوتاۋ ئىككى نامرات ئاھالىنىڭ پەرزەنتىگە خۇددى ئۆز پەرزەنتىگە كۆڭۈل بۆلگەندەك كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىككى قىزنى ئۆز ئۆيىگە ئەكىلىپ قارىدى. ئۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى قالتىس، مەن ئۇنىڭغا قايىل، ـــ دېدى شۈ گوتاۋنىڭ قوشنىسى مۇسا ھەسەن.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سودا ئىدارىسىنىڭ ئاقسۇ شەھىرى قۇمباش يېزىسى ئاياقباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1 – شۇجى تاھىر مەمەت مۇنداق دېدى: بىز شۈ گوتاۋنىڭ بۇ ساخاۋەتلىك ئىشىنى ناھايىتى قوللايمىز، ئۇ نامرات ئاھالىلەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپلا قالماي، يەنە بالىلارنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا تېخىمۇ ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بەردى، ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاكتىپ كۈچىنى تارقاتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى