تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە 8-ئاينىڭ 27-كۈنى ئوقۇش ‏باشلىنىدۇ

  شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى. يازلىق تەتىل ئاياغلىشاي دەپ قالدى، مۇخبىرنىڭ 8-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە 8-ئاينىڭ 26-كۈنى ئوقۇغۇچىلار تىزىمغا ئالدۇرىدىكەن، 8-ئاينىڭ 27-كۈنى رەسمىي ئوقۇش باشلىنىدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ھەرقايسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى تەييارلىق خىزمەتلەرنى پائال ياخشى ئىشلەپ، ئوقۇش باشلاش خىزمەتلىرىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خادىملارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى مەكتەپكە ئالدىن بېرىشقا تەشكىللەپ، مەكتەپ ھويلىسىنى تازىلاش، دەرسلىكلەرنى تەييارلاش، ئاشخانىنى يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى. پات ئارىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغان يېڭىدىن سېلىنغان مەكتەپ (يەسلى) لەر يازلىق تەتىلدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىچكى يانداش ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تەڭشەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ۋاقتىدا تاماملاپ، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدە ئوڭۇشلۇق ئوقۇش باشلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئەسكەرتىش: بالدۇر تەييارلىق قىلىپ، ئەتتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇش، كەچتە ئۇخلاش، ئۆگىنىش، چېنىقىش ۋاقىتلىرىنى كۈندىلىك ئوقۇش ۋاقتى بويىچە تەڭشەپ، ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىنكى ئۆگىنىش، تۇرمۇشقا كۆنۈش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈش كېرەك.

  2019-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى