تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

يېڭى دەۋرگە مۇناسىپ كارخانىچى بولىمەن

  ــــ شىنجاڭ ‹‹خۇالىڭ›› سانائەت–سودا (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى گوش ياڭياڭ توغرىسىدا

  مۇخبىرىمىز شى شىن

  7 – ئاينىڭ 21 – كۈنى، شىنجاڭ ‹‹خۇالىڭ›› سانائەت – سودا(گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى گو شياڭياڭ مۇنداق دېدى: كارخانىلار تەرەققىيات جەريانىدا ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئاڭلىق زىممىگە ئالغاندىلا، ئىقتىسادىي ئۈنۈم بىلەن ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى تەڭ قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتقا ئاساس تىكلىيەلەيدۇ.

  گو شياڭياڭ 1992 – يىلى خۇالىڭ سانائەت – سودا (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاساسى بولغان ئۈرۈمچى شەھىرى خۇالىڭ سانائەت – سودا چەكلىك شىركىتىگە كىرىپ، شىركەت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۇ شىركەت رەھبەرلىك بەنزىسىدىكىلەر بىلەن بىللە بارلىق خادىملارنى يېتەكلەپ، ‹‹مەۋقەنى شىنجاڭغا قويۇش، پۈتۈن مەملىكەتكە مۇلازىمەت قىلىش، ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا تەسىر كۆرسىتىش›› تەرەققىيات ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەتكە ئاكتىپ جاۋاب قايتۇرۇش››نى كارخانا خىزمىتىنىڭ يادروسى قىلدى: ‹‹قان بېرىپ›› يۆلەشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم بەردى؛ مائارىپقا ياردەم بېرىپ، يېتىم بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلدى؛ ‹‹چىقىرىش››نى پائال يولغا قويۇپ، خەلقئارا بازارنى كېڭەيتتى.

  زىيارەت داۋامىدا، گو شياڭياڭ ‹‹بىز پەقەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنىلا قىلدۇق›› دېگەن سۆزنىلا تەكرارلىدى. مەن ئۇنىڭ سۆزىدىن بىر كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ سەمىمىي ساداقىتى ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش روھىنى ھېس قىلدىم.

  ‹‹يۆلەش››: 16 يىلدا 15 كەنتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش

  گو شياڭياڭ نامراتلارنى قانداق يۆلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا قانداق ياردەم بېرىش توغرىسىدا ئىككى ئىشنى مىسال كەلتۈردى.

  لى لى ئىش ئورنىدىن قالغاندىن كېيىن، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئوغلىنىڭ ھالىدىن ئۆزى خەۋەر ئېلىپ، ئانىسىنىڭ پېنسىيە مائاشىغا تايىنىپ تۇرمۇشىنى تەستە قامداپ كەلگەنىدى. خۇالىڭ سانائەت – سودا (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى قائىدىنى بۇزۇپ، ئۇنى رەسمىي ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىپ، ئايدا 3000 يۈەن مائاش بەردى ھەم ئۇنىڭ ئاساسلىق خىزمىتىنىڭ ‹‹پۈتۈن كۈن ئۆيىدە بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش›› ئىكەنلىكىنى بېكىتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىركەت مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا دائىر ماتېرىياللارنى مۇتەخەسسىسلەرگە ئەۋەتىپ، داۋالاش لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدەندى ھەم ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش – داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭ ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى قىلىشىغا ياردەم بەردى.يەنە بىرى زەيكەش چېپىش ھېكايىسى ئىدى.

  خۇالىڭ سانائەت – سودا (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى تۇنجى تۈركۈمدە جەنۇبىي شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش – يۆلەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن پۇقراۋى كارخانا بولۇپ، ياردەم بېرىدىغان كەنت كېرىيە ناھىيەسىدە ئىدى. شىركەت نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ياردەم بېرىلىدىغان نامرات كەنتلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەرقىي قىسمىغا، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقانلىقىنى، نۇرغۇن يەرلەرنىڭ زەي سۇنى چىقىرىۋېتىشى راۋان بولمىغاچقا، كەڭ سازلىق شەكىللىنىپ، تېرىقچىلىق قىلىشقا ماس كەلمىگەنلىكىنى بايقىدى.

  تۇپراقنى ياخشىلاش ئۈچۈن جەزمەن بىر زەيكەش ئۆستەڭ چېپىش كېرەك ئىدى. بىراق تۇپراق قۇمساڭغۇ، يەر يۈزى يۇمشاق بولغاچقا، نوقۇل ئادەم كۈچىگە تايانغاندا، نەچچە يىلدىمۇ چېپىپ بولغىلى بولمايتتى.

  ئەينى ۋاقىتتا، مەيلى قانچىلىك پۇل خەجلىسەكمۇ، بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىرادىسىگە كەلگەنىدۇق، دېدى گو شياڭياڭ. 10 مىڭ مو سازلىقنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان بايلىق كانىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، شىركەت ئۈرۈمچىدىن چوڭ تىپتىكى قېزىش ماشىنىسى، ئاپتوموبىل قاتارلىقلارنى مەخسۇس يۆتكەپ كېلىپ، تۆت يىلدا 6 مىليون 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ياردەم بېرىۋاتقان كەنتلەردە ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 120 كىلومېتىر كېلىدىغان زەيكەش ئۆستەڭ چاپتى.

  گو شياڭياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2003 – يىلىدىن ھازىرغا قەدەر، خۇالىڭ سانائەت – سودا (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى 15 نامرات كەنتنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىشىغا ياردەم بەردى، 2017 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، خۇالىڭ سانائەت – سودا (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى مائارىپقا ياردەم بېرىش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىغا مەدەت بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىئانە قىلغان پۇل ۋە ماددىي بۇيۇملارنىڭ قىممىتى جەمئىي 100 مىليون يۈەنگە يېقىنلاشتى.

  ‹‹باشلاپ كىرىش››: نەچچە ئون مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ پاراۋانلىق مەكتىپى قۇرۇش

  27 ياشلىق تۇنساگۈل توختى خۇالىڭ سانائەت – سودا (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى نىمكەش ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ خادىمى. خىزمەت ئارىلىقىدا، ئۇ ماڭا گو شياڭياڭ ئائىلىسىدە تۇرغان چاغدىكى تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى.

  تۇنساگۈل توختى يېتىم قىز بولۇپ، خۇالىڭ سانائەت – سودا (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى ئۇنى ئون يېشىدا ئاقتۇ ناھىيەلىك بالىلار پاراۋانلىق ساناتورىيەسىدىن ئېلىپ كېلىپ بېقىۋالغانىدى. ئۇ 14 يېشىدىن باشلاپ 21 يېشىدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنگە قەدەر گو شياڭياڭ ئائىلىسىدە تۇرمۇش كەچۈردى. تۇنساگۈل توختى گو شياڭياڭنى ‹‹چوڭ دادا›› دەپ چاقىراتتى.

  ئۇلار بارلىق ئاتا – ئانىلارغا ئوخشاش ئوقۇۋاتقان چېغىمدا ئوقۇشۇمغا، مەكتەپ پۈتكۈزگەندە خىزمەت ئىشىمغا باش قاتۇردى، كېيىن توي ئىشىمنىڭمۇ غېمىنى قىلدى، ھازىر مەن توي قىلىپ بالىلىق بولدۇم، مەن چوڭ دادام ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ماڭا قىلغان غەمخورلۇقىغا بىر ئۆمۈر مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، ئۇ مېنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشۇمغا ئاساس سالغۇچى، دېدى تۇنساگۈل.خۇالىڭ سانائەت – سودا (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىنىڭ ياردىمىدە تەربىيەلەنگەن تۇنساگۈل توختىغا ئوخشاش يېتىم بالىدىن 504ى بار، ئۇلار پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، 47 ناھىيە، شەھەردىن كەلگەن، 12 مىللەتتىن تەركىب تاپقان. شۇ سەۋەبتىن، خۇالىڭ سانائەت – سودا (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى مەخسۇس نەچچە ئون مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، مەركەزلەشتۈرۈپ ئوقۇتۇش ۋە تۇرمۇش كاپالىتى بىر گەۋدە قىلىنغان خۇالىڭ پاراۋانلىق مەكتىپىنى قۇردى. گو شياڭياڭ مۇنداق دېدى: پاراۋانلىق مەكتىپىنى قۇرۇشتىكى مەقسەت بۇ يېتىم بالىلارنى مىننەتدارلىقنى بىلىدىغان، غايىلىك، ئىنتىلىشچان ئىختىساسلىقلاردىن قىلىپ تەربىيەلەشتىن ئىبارەت.

  ‹‹چىقىرىش››: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىغا ئاۋاز قوشۇپ، دۆلەت سىرتىدىكى بازارنى كېڭەيتىش

  تىبىلىس دېڭىزى سودا مەيدانى گىرۇزىيەدىكى خۇالىڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىنىڭ ئاساسلىق تۈرى، بۇلتۇر 9 – ئايدا تىجارەت باشلانغاندىن بۇيان، قارا دېڭىز ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر، ياۋروپا ۋە كاۋكاز رايونىدىكى ئون نەچچە دۆلەتتىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق پارچە سېتىش سودىگىرىنى سېتىۋېلىش ۋە نۇقتا تەسىس قىلىشقا جەلپ قىلدى.

  خۇالىڭ سانائەت – سودا (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ‹‹چىقىرىش›› ئارقىلىق دۆلەت سىرتىدىكى بازارنى كېڭەيتتى. 2007 – يىلىدىن ھازىرغا قەدەر، گىرۇزىيەدە جەمئىي 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ، شۇ جايدىكىلەرگە 3500 ئىش ئورنى يارىتىپ بېرىپ، گىرۇزىيەدىكى ئەڭ چوڭ چەت ئەل مەبلىغى كارخانىسىغا ئايلاندى.

  ھازىر گىرۇزىيەدىكى خۇالىڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى، خۇالىڭ بېسسىس بانكىسى، خۇالىڭ ئەركىن سانائەت رايونى قاتارلىق تۈرلەر شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ سىرتقا چىقىرىشتىكى تىپىك مىسالى بولۇپ قالدى.

  گو شياڭياڭ مۇنداق دېدى: بىز يېڭى دەۋرگە، يېڭى بۇرچىمىزغا مۇناسىپ ئىش قىلدۇق، بۇنىڭدىن كېيىن، خۇالىڭ سانائەت – سودا (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى غەربىي ئاسىيا ۋە شەرقىي ياۋروپا بازارلىرىنى پىلانلىق ھالدا قەدەممۇ قەدەم ئېچىشنى سىناق قىلىپ، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، شىنجاڭ ھەم ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنىڭ سىرتقا چىقىرىشىغا كۈچ قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى