تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئېرىشتى

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: جەن شۇپىڭنىڭ 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ تىرېنېرلىق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى سەپ شەكلىنى تەڭشەشنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاپ، يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئېرىشتى.

  جەن شۇپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە 2015~2016-مۇسابىقە پەسلىدە تۇنجى قېتىم WCBA گە قاتناشقان شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇپ، ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى ۋە ئىككىنچى بولدى؛ 2016~2017-مۇسابىقە پەسلىدە شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى چەت ئەللىك ماھىر بولماسلىق، ئاساسلىق ماھىرلار كەمچىل بولۇشتەك شارائىتتىمۇ بوشاشماي، 3-لىككە ئېرىشتى؛ 2017~2018-مۇسابىقە پەسلىدە شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئاساسلىق ماھىرلار يوق شارائىتتىمۇ يەنىلا پەسىل ئاخىرىدىكى مۇسابىقىگە كىردى، چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە شاللىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ بوشاشماس روھى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  شىنجاڭ تىيانشان ئاياللار ۋاسكېتبول كۇلۇبىنىڭ باش مۇدىرى ما جۈن مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: ئالدىنقى ئىككى مۇسابىقە پەسلىدە ئىپادىسى ئالاھىدە بولغان پېڭ شىچىڭنىڭ شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىغا قايتىپ كېلىدىغانلىقى ئېنىق بولدى، بۇنىڭدىن باشقا، ليۇ تۇڭيى، ۋۇ يىفەن ۋە چەت ئەللىك ياردەمچى ماھىر ناتاشا خوۋارد قاتارلىقلار قوشۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى