تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى دەتالاش ئۆزئارا بولغىنى ياخشى

ماتېرىيال سۈرەت

    بىر ئائىلىدە جېدەل بولمايدۇ، دەپ كاپالەت بەرگىلى بولمايدۇ، لېكىن جېدەللىشىشتىمۇ مۇھىم پرىنسىپ بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ : ئۇتۇشنىلا ئويلىماسلىق! ئائىلە بەختىگە پايدىلىق جېدەل-ماجىرانىڭ بىر قانچە ئالدىنقى شەرتى بولىدۇ: بىرى، نېمە بولسا شۇنى دېيىش، قارشى تەرەپنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى چىشلەپ تارتماسلىق. ئىككىنچىسى، جېدەلنى ئۆي ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىش، ئۆينىڭ سىرتىغا يامرىتىۋەتمەسلىك. ئۈچىنچىسى، ئىككىلا تەرەپ رازى بولىدىغان ياكى مۇرەسسەلىشەلەيدىغان نەتىجىنى مۇزاكىرىلىشىپ چىقىش. تۆتىنچىسى، جېدەلگە ئادەم قانچە ئاز ئارىلاشسا شۇنچە ياخشى...بۇ تۆت نۇقتا چىڭ تۇتۇلمىسا، كىچىكككىنە جېدەلمۇ ئىككى تەرەپنىڭ ھېسسىياتىغا دەز كەتكۈزۈشى، تولۇقلاپ بولغۇسىز ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
    رەشىدە بىلەن رازاقنىڭ توي قىلغىنىغا ئەمدىلا بىر يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىم قاتتىق ئۇرۇشۇپ قالدى. ئەمەلىيەتتە بۇ قاتتىق ئۇرۇشۇشقا سەۋەب بولغۇدەك ئىشمۇ ئەمەس ئىدى.
    رەشىدە رازاقنىڭ ئاپىسىنى «ئاپام بىر ئاز قاتتىق قول ئىكەن» دەپ قويۇۋېدى، رازاق بۇ گەپنى ئۇدۇللا ئاپىسىغا ئېيتىپ قويدى، قېينئانىسىنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كېلىپ رەشىدەنى سوراققا تارتىپ كەتتى.
    بىر مۇنچە تىل ئاڭلىغان رەشىدە بۇنى ئىچىگە سىغدۇرالماي ئاپىسىغا ئېيتتى. قىزىنىڭ بوزەك بولغىنىنى ئاڭلاپ چىدىمىغان ئاپىسى ئۈچ ئوغلىنى باشلاپ قىزىنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىپ بېرىش ئۈچۈن رازاقنى تېپىپ ئۇنى بىر مۇنچە ئەيىبلىدى. كىچىككىنە زىددىيەت ئىككى ئائىلىنىڭ جېدەل-ماجىراسىغا ئايلىنىپ قالدى.
    رەشىدەنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى رازاقتىن ئاجرىشىپ كېتىشكە قىستىدى، ئەمما رەشىدەنىڭ رازاقتىن ئاجرىشىش خىيالى يوق ئىدى. رازاقمۇ ئىشنىڭ ئاجرىشىپ كەتكۈدەك دەرىجىدە ئېغىر ئەمەسلىكىنى بىلەتتى. ئەمما ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرمۇ ھەدېسىلا رەشىدەنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ، رازاقنىڭ تېزدىن ئاجرىشىپ كېتىشىنى ئېيتىشتى.
    مانا بۇ دەل «پىشىپ-يېتىلمىگەن ئەر-خوتۇن» نىڭ قىلىدىغان ئىشى. بۇنداق ئەر-خوتۇنلار كىچىك ئىشنى يوغىنىتىپ، مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنى بۇنىڭغا سۆرەپ كىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىش يىغىشتۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يېتىدۇ.
    بەزىلەر ئانچە-مۇنچە ماجىرالىشىپ قويۇش ھېسسىياتقا پايدىلىق، دېيىشىدۇ. كۆڭلىدە يېشەلمىگەن تۈگۈن بولغان ئىككىيلەن ئۇرۇشۇپ قالغاندىن كېيىن، كۆڭلىدىكى گەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇپ، ئۇقۇشماسلىقنى يوقىتالايدۇ. ئەمما دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، ساغلام بولغان جېدەل-ماجىرانىڭمۇ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك پرىنسىپى بولىدۇ.
    ئەكسىچە بولغاندا، كىچىككىنە زىددىيەتمۇ ھېسسىياتقا دەز كەتكۈزۈپ، ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ. سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكى داغ يوقاپ كەتتى دېگەن تەقدىردىمۇ، ئۇرۇق-تۇغقان، يېقىن دوستلىرىڭىزنىڭ جورىڭىزغا ئاچچىقى يانماي، جورىڭىزنى بىر ئۆمۈر يامان كۆرۈپ ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى