تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

شىنجاڭنىڭ تىنچ، مۇقىملىقىنى قوغداش ئەڭ ئالىي كىشىلىك ھوقۇقتۇر

  يېقىندىن بۇيان، ئامېرىكا ۋە غەرب سىياسەتۋازلىرى، تاراتقۇلىرى جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشىغا توختىماي ھۇجۇم قىلىپ، شىنجاڭدا «كىشىلىك ھوقۇققا كەڭ كۆلەملىك دەخلى–تەرۇز قىلىندى» دەپ داۋراڭ سالدى، شىنجاڭنى «ئۈستى ئوچۇق چوڭ تۈرمە» دەپ قارا چاپلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشقا ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرۇپ، تەستە قولغا كەلگەن مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى يەنە بىر قېتىم قالايمىقان قىلىشقا ئۇرۇندى.

  ھەممىگە ئايان، ئالدىنقى يىللاردا شىنجاڭدا بىر قاتار ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، ئەسەبىي ئىدىيە يامرىدى، بەزى ياشلارنىڭ ئىدىيەسى زەھەرلىنىپ ، ھەتتا زوراۋانلىق، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىندى. ئالدىنقى بىر مەزگىلدە شىنجاڭدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرى ئارقا–ئارقىدىن يۈز بېرىپلا قالماي، ئاز بىر قىسىم زوراۋان–تېررورچىلار ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئېقىپ بېرىپ، بېيجىڭ جىنشۈيچياۋ ۋە كۇنمىڭ ۋوگزالى قاتارلىق جايلاردا كىشىنى چۆچۈتىدىغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى سادىر قىلدى.

  يېقىنقى ئىككى يىلدا شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىدە بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش كۆرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ سىرتىدىكى ئېلىمىزنىڭ باشقا رايونلىرىدا زوراۋانلىق تەھدىتى تۈگىتىلىپلا قالماي، شىنجاڭنىڭ ئامانلىق ۋەزىيىتىمۇ تۈپتىن ياخشىلاندى. زوراۋان، تېررورچى كۈچلەرنىڭ ھەيۋىسى يەرگە ئۇرۇلۇپ، تىنچ ئاھالىلەر ئۇچرىغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق تەھدىتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگەپ، تىنچ، مۇقىم بولغان تۇرمۇش قىياپىتى ئاپتونوم رايون مىقياسىدا قايتا نامايان بولدى.

  بۇ نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى پۈتكۈل جەمئىيەت زور قۇربانلىقلارنى بەردى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىسى بەدەل تۆلىدى دېيىشكە بولىدۇ. پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولغاچقا، شۇنداقلا دۆلىتىمىز ناھايىتى قۇدرەتلىك بولغانلىقتىن، شىنجاڭدىكى كادىرلار مەسئۇلىيەتنى دادىل زېممىسىگە ئېلىپ، شىنجاڭنى قالايمىقانچىلىق گىردابىدىن قايتۇرۇپ كەلدى. ئۇ «جۇڭگودىكى سۈرىيە» ياكى «جۇڭگودىكى لىۋىيە» گە ئايلىنىپ قېلىش تەقدىرىدىن ساقلىنىپ، نۇرغۇن ئادەم ئۆلۈشى، سانسىزلىغان ئائىلىلەر خانىۋەيران بولۇشىدەك ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتنىڭ ئالدى ئېلىندى. بۈگۈنكى شىنجاڭدا قۇياش نۇرى پارلاپ، جەمئىيەت قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ۋە مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى چوڭ پىرىنسىپى بويىچە يۈرۈشۈپ، ساياھەت قاتارلىق تۈرلۈك ئىشلار ئەسلىگە كېلىپ، كەلگۈسى ئۈمىدكە تولدى.

  شەك – شۈبھىسىزكى، شىنجاڭنىڭ ھازىرقى تىنچ، مۇقىم ۋەزىيىتىدە يۇقىرى سىجىللىقتا باشقۇرۇشنىڭ تۆھپىسى بار، شىنجاڭنىڭ قايسى جايلىرىدا بولسۇن، ساقچى ۋە ئامانلىق قاراۋۇلخانىلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، بۇلار شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى. لېكىن بۇ، شىنجاڭنى تىنچ، گۈللەنگەن قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتا چوقۇم باشتىن كەچۈرىدىغان ئالاھىدە باسقۇچ، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىن تەدرىجىي ھالدا كەڭ ئىدارە قىلىشقا ئۆتۈشتە چوقۇم بېسىپ ئۆتىدىغان باسقۇچ.

  غەربتىكى بەزى كۈچلەر نۆۋەتتىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشنى قارىلىدى، يېنىكرەك قىلىپ ئېيتقاندا ئۇلار ئەمەلىي ئەھۋالنى چۈشەنمەي تۇرۇپ، ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلىدى. ئېغىرراق قىلىپ ئېيتقاندا يامان نىيەتتە بولۇپ شىنجاڭدىن قۇسۇر ئىزدىدى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى تاشقى كۈچلەر ئارقىلىق بېسىم ئىشلىتىپ، شىنجاڭ جەمئىيىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرىگە بولغان ئىدېئولوگىيە تونۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، شىنجاڭدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنى قورقۇتۇپ، شىنجاڭنى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن ئىدارە قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىشتىن ئىبارەت.

  شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، غەربنىڭ بۇ خىل جامائەت پىكرى بېسىمى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، ئاشقۇن كۈچلەرنىڭ بېسىم چۈشۈرىدىغان يېڭى نەيرەڭلىرىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ. بىز شىنجاڭنى تەرتىپكە سېلىشتىكى تاشقى جامائەت پىكرى مۇھىتىنىڭ يەنىمۇ ناچارلىشىشىغا قارىتا ئىدىيەۋى تەييارلىقنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ھەمدە دۆلىتىمىزدىكى پۈتكۈل جەمئىيەت غەرب كۈچلىرىنىڭ قىقاس-چۇقانلىرى ۋە بېسىمىنىڭ تەسىرىگە قەتئىي ئۇچرىماسلىقى كېرەك، شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى تىنچىلىقى، مۇقىملىقىنى ئىزچىل ساقلاش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ۋە پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك. شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىدە ئەمەلىي ياخشىلىنىشنى قولغا كەلتۈرۈش، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى قوغداش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، غەربنىڭ ئېيتقانلىرىنى ھاڭگىرت پېيىدىنمۇ قەدىرسىز دېيىشكە بولىدۇ، بىز غەربنىڭ چالۋاقاشلىرىغا قارىتا مەنسىتمەسلىك پوزىتسىيەسىدە بولىدىغان ئۇلۇغۋار روھنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىدىكى بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بىر غايەت زور تىراگىدىيەنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، سانسىزلىغان ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇپ قالدى، بۇ، جۇڭگونىڭ قانۇن ئىدارە قىلىشتا كۈچلۈك بولغانلىقى، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى قۇدرەتلىك تۆھپىسىدىن بولدى. غەرب تەرغىپ قىلغان ئۇ بىر يۈرۈش سەپسەتىلەر نۇرغۇنلىغان كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ۋە رايونلارنى ۋەيران قىلدى. ئۇ ئىپلاس سەپسەتىلەر شىنجاڭدا ئەجەللىك يۇقۇملىنىش پەيدا قىلغاندا، دەل ۋاقتىدا توسۇپ قېلىندى.

  شىنجاڭ بىر ئالاھىدە باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ. شىنجاڭدا غەربنىڭ بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك جامائەت پىكرىگە ئورۇن يوق. بىز تاشقى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭدىكى تۈرلۈك سىڭدۈرمىچىلىكىنى مەردانىلىك بىلەن بىلەن پاكىز چىقىرىپ تاشلىشىمىز كېرەك. شىنجاڭنىڭ تىنچ، مۇقىملىقى ھەممىدىن ئۈستۈن، بۇنى نىشان قىلغان ھالدا ھەرخىل تەدبىرلەرنى سىناپ بېقىشقا بولىدۇ، ئەمەلىي ئۈنۈمى ياخشى بولغانلىرىنى خۇلاسىلەپ كېڭەيتىش كېرەك. بىز شىنجاڭدا يەنە قالايمىقانچىلىق چىقىشقا يول قويماسلىق ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇقتۇر، دېگەن ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ جۇڭگونىڭ زېمىنى، شىنجاڭدا كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ قانۇنى يۈرگۈزۈلىدۇ. ھەممەيلەنگە شۇنى ئېنىق بىلدۈرۈش كېرەك، كىمكى شىنجاڭدا زوراۋانلىق قىلىپ قارشىلىق كۆرسەتسە، شۇ ھالاك بولىدۇ خالاس، غەرب كۈچلىرى بولسۇن، ياكى ئوتتۇرا شەرقتىكى قايسىبىر كۈچلەر بولسۇن ھەممىسى ئىشەنچسىز. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىدىكى بىردىنبىر چىقىش يولى. مۇشۇ خىل تونۇشنى شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىغا كېڭەيتىپ، پۈتۈن شىنجاڭ جەمئىيىتىدە بۇنىڭغا تولۇق ئىشەنچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا، ئەسەبىيزم تەلتۆكۈس گۇمران بولىدۇ.

  شىنجاڭغا قارىتىلغان بۇ نۆۋەتلىك ئىدارە قىلىش پۈتكۈل جۇڭگونى ئىدارە قىلىشتىكى بىر چوڭ جەڭ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى شىنجاڭدىكى بىرىنچى سەپتە كۈرەش قىلىۋاتقان كادىرلار، ئاممىسىنى قەتئىي قوللىشى، تولۇق چۈشىنىشى، ئۇلارنىڭ ھالىغا يېتىشى، ئۇلاردىن ئاغرىنماسلىقى، ئۇلارغا تاپا-تەنە قىلماسلىقى، بولۇپمۇ غەربنىڭ چۈشۈرگەن بېسىمىغا يان-تاياق بولماسلىقى كېرەك. ئەكسىچە، بىز شىنجاڭدا ساياھەت قىلىش، شىنجاڭنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش قاتارلىق چامىمىز يېتىدىغان ئىشلار ئارقىلىق شىنجاڭنى مۇقىم ئىدارە قىلىش نەتىجىلىرىنى قوللاپ، شىنجاڭنىڭ قاتتىق تۈزەشتىن پەيدىنپەي دائىملىق تۈزەشكە ئۆتۈشىگە ھەسسە قوشۇشىمىز كېرەك.

(يەر شارى ۋاقىت گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى