تەقى-تۇرق ئالاھىدە ئېتىبارغا ئېلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىنىڭ ئېگىزرەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ، كىچىكىدىن باشلاپلا ھەر خىل ئوزۇقلۇق تولۇقلاش مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، كىچىك ۋاقتىدىلا بالىلارنىڭ بەدىنىدىكى ئىككى ئورۇنغا قاراش ئارقىلىق، كېيىن بويىنىڭ قانچىلىك ئۆسىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ، ئەگەر بۇ ئىككى ئورۇن چوڭ بولسا، بوينىڭ كېيىن ئېگىز بولۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى.
تاپان
ئادەم بەدىنىنىڭ قۇرۇلمىسى نۇرغۇن نىسبەتنى يوشۇرۇن ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ، مەسىلەن پۇتىمىزنى مىسالغا ئالساق، پۇتى چوڭ بالىلارنىڭ كېيىن بويىنىڭ ئېگىز بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق، ئالىملار نورمال ئەھۋالدا ئادەمنىڭ بوي ئېگىزلىكى تاپان ئۇزۇنلىقىنىڭ يەتتە ھەسسىسىچىلىك ئۆسىدىغانلىقىنى ئېيتقان، شۇڭا ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسىلا تاپىنى چوڭ بالىلارنىڭ بويىنىڭ ئېگىز بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدىكەن.
باش
بوينىڭ قانچىلىك ئۆسىدىغانلىقى تاپاندىن سىرت يەنە باشنىڭ چوڭلۇقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. ئادەمنىڭ بوي ئېگىزلىكى باش ئۇزۇنلىقىنىڭ يەتتە ھەسسىسىگە باراۋەر، چۈنكى باش ئۇزۇنلۇقى بىلەن تاپان ئۇزۇنلۇقى ئاساسەن ئوخشاش. شۇڭا بېشى يوغان بالىلارنىڭ كېيىن بويى ئېگىز بولىدۇ، دېيىشنىڭ ئاساسى بار.
ئەگەر بالىڭىزنىڭ تاپىنى ياكى بېشى چوڭ تۇرۇپمۇ ئوخشاش ياشتىكى بالىلاردىن پاكار بولسا، ئارتۇقچە ئەنسىرىمەڭ. چۈنكى ھەر بىر ئادەمنىڭ بەدەن ساپاسى ئوخشاش بولمىغاچقا، بويىنىڭ بالدۇر ياكى كېيىن ئۆسۈشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.