خەلق تورى خەۋىرى: ئىگىلىنىشىچە، شاڭخەي ئاممىباب ئاپتوموبىلىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد Santana تىپلىق 1.5L لىق ئاپتوموبىلى يېقىندا رەسمىي بازارغا سېلىنغان بولۇپ، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ سېتىلىش باھاسى 88 مىڭ 900 يۈەندىن 113 مىڭ 800 يۈەنگىچە ئىكەن. بۇ 1.5L موتور سەپلەنگەن يېڭى بىر ئەۋلاد Santana تىپلىق ئاپتوموبىل بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، ئىلگىرىكى 1.4L ۋە 1.6L موتور سەپلەنگەن Santana تىپلىق ئاپتوموبىللارنىڭ ئورنىنى ئىگەللەيدىكەن.
ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ جەھەتتە، بۇ ئاپتوموبىلغا EA211 سېرىيەلىك 1.5L تەبىئىي گازلىق موتور سەپلەنگەن بولۇپ، ئاپتوموبىلنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋەت كۈچى 81kW(110Ps) قا يېتىدىكەن.