تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەمكارلىشىپ كۈچ چىقىرىپ، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەۋزەل رايونى بەرپا قىلىش

  مېۋىچىلىكنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش . شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ②

    سۈرەتتە: 8 – ئاينىڭ 4 –كۈنى، خېرىدارلار شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ غەربىي يۇرت باغۋەنچىلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش مەركىزىدە قۇرۇق مېۋىلەرنى سېتىۋالماقتا.
مۇخبىرىمىز جېن شىشىن فوتوسى

  مۇخبىرىمىز ليۇ دۇڭلەي خەۋەر قىلىدۇ: 8 – ئاينىڭ 12 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى قۇرۇق ئۈزۈم كەسپى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى قارىمىقىدىكى شىنجاڭ تۇرپان مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ شىشيۇڭ مۇنداق دېدى: 8 – ئاينىڭ 5 – كۈنى تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى قۇرۇق ئۈزۈم كەسپى جەمئىيىتى قۇرۇلۇپ، ساھە ئۆلچىمى بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، كەسىپ تەرەققىياتى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ خاس باغ – ئورمان بايلىقى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، خاس مېۋىلىك كۆچەتلەرنى تىكىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەۋزەل رايونى قۇرۇلۇشىغا ئۈزلۈكسىز كۈچ چىقاردى.

  ئىگىلىنىشىچە، تۇرپان شەھىرى مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك كىشمىش ئۈزۈم ئىشلەپچىقىرىدىغان نۇقتىلىق رايون بولۇپ، ھازىرقى كىشمىش ئۈزۈم كۆلىمى 400 مىڭ مو كېلىدىكەن، ئۈزۈم ئۆستۈرۈۋاتقانلار 200 مىڭ كىشىگە يېتىدىكەن، يەنە 30 مىڭ كىشى مۇشۇ كەسىپ ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىكەن. جاڭ شىشيۇڭ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز دۆلەت ئىچىدىكى قۇرۇق ئۈزۈم بازىرىنىڭ باھا بېكىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش، قولاي سودا مەيدانى ۋە سودا ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق دېھقانلارغا ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈپ، تۇرپان ئۈزۈمچىلىك كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى يەنىمۇ تېزلەتتى.

   شۇنىڭ بىلەن بىللە، مېۋىچىلىك گۇرۇھى ئۆلچەملەشكەن ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىنى كېڭەيتىش، قوللىنىش ۋە توردا، تور سىرتىدا سېتىش ئارقىلىق زور مىقداردىكى خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىستېمالچىلار قەلبىدىكى ئوبرازىنى كۈندىن – كۈنگە ياخشىلىدى.

  شىنجاڭ خۇڭچىپو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى باغۋەنچىلىك ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بى ۋېنجۈن مۇنداق دېدى: ئاقسۇ خۇڭچىپو ئالمىسى ناھايىتى داڭلىق. بىزنىڭ 210 مىڭ مو بېغىمىز بار، ھەممىسى ئۆلچەملەشكەن بولۇپ، ھازىر پەرۋىش قوشۇنىمىزنىڭ چاتاش، مېۋە ئۈزۈش قاتارلىق ئىش تەقسىماتى ئېنىق، كۆپچىلىك بۇ كەسىپ بىلەن بىرلىكتە شۇغۇللىنىپ، ئۇنىڭدىن ئورتاق مەنپەئەتلىنىۋاتىدۇ.

  مېۋىچىلىك گۇرۇھى يەنە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ كۈچ چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ توردا سېتىلىشى ۋە كۇرسلۇق مەھسۇلات يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ بازاردىكى ئورنى ۋە قىممىتىنى ئۆستۈردى.

  چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى كان يېزىسىنىڭ خولىتىكچيگى كەنتىدىكى دېھقان جىن گاۋفېڭ بۇ توغرىسىدا چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە. ئۇ مۇنداق دېدى: ناھىيەمىز بۇ ئىككى يىلدا ئورگانىك شال ئېتىراپنامىسى ئېلىشقا زور كۈچ سەرپ قىلدى، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى ۋەكىللىكىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ داۋاملىق تەۋسىيە قىلىشى بىلەن بىز ئىشلەپچىقارغان گۈرۈچنىڭ باھاسى خېلىلا ئۆستى، ئورگانىك گۈرۈچنىڭ كىلوگىرامى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 40 يۈەندىن 50 يۈەنگىچە، زىيانسىز گۈرۈچنىڭ كىلوگىرامى 6.8 يۈەندىن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 15 يۈەنگە يەتتى. مەن تېرىغان 40 مو يەردىكى ئورگانىك شالدىن خېلى يۇقىرى كىرىم قىلدىم.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى دۆلەت بويىچە يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق باشلامچى كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن ياخشى پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھازىر بار بولغان ساقلاش، پىششىقلاش ئەسلىھەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش ئاساسىدا، تۇرپان، ئاقسۇ، يەكەن، قاغىلىق، خوتەن، پەيزاۋات قاتارلىق جايلاردا يېڭى پېتى ساقلاش، پىششىقلاش سودا مەركىزىدىن سەككىزنى قۇرۇشنى پىلانلىدى.

  شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لوۋ چاۋيىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مېۋىچىلىك گۇرۇھى بازا قۇرۇلۇشى ئارقىلىق مەھسۇلاتنىڭ تېگى – تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنى تەدرىجىي ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىللە، بازىنىڭ تەسىر دائىرىسى ئىچىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازارغا كىرىش ئۆلچىمىنى مۇقىم ئۆستۈرۈپ، بازارنىڭ كۈچى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىقىنىڭ دەسلىپىدىلا مەھسۇلات سۈپىتىنى باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، شۇ ئارقىلىق يەرلىك ھۆكۈمەت، ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەۋزەل رايونى قۇرۇلۇشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ھازىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا مېۋىچىلىك گۇرۇھى ۋەكىللىكىدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق باشلامچى كارخانا 509 غا يەتتى. ‹‹كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقانلار›› ئەندىزىسى شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىنلەش – سېتىش ئۇچىنى چىڭ باغلىماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى