شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: ئوقۇش باشلاش مەزگىلىدە، دۆربىلىجىن ناھىيەسىدىكى بالىلار لياۋياڭ شەھىرىدىن كەلگەن بىر قىممەتلىك سوۋغاتنى تاپشۇرۇپ ئالدى.
ئىگىلىنىشىچە، لياۋياڭ شەھىرى مەبلەغ ئاجرىتىپ دۆربىلجىن ناھىيەسىگە ياردەم قىلغان ئىككى ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇش بىناسى ۋە بىر ياتاق بىناسى 8-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن قۇرۇلۇش تاماملىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن، بۇ ھازىرقى مائارىپ بايلىقىنى تولۇقلاپلا قالماستىن يەنە، ھازىرقى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرىدىكەن.
دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ شاڭخۇ بازىرىدىكى ياتاقلىق مەكتەپ ناھىيە بويىچە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئەڭ چوڭ ياتاقلىق مەكتەپ ھېسابلىنىدىكەن.