8-ئاينىڭ 12-كۈنى، پىڭجىن يېزىسى خۇڭشىن كەنتىدىكى بىر قانچە باغۋەن ئوخشىغان ئالۇچىلارنى ئۈزمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىندا، گۇيجوۋ ئۆلكىسى زۇنيى شەھىرى بوجۇۋ رايونى پىڭجىن يېزىسىدىكى 10 مىڭ مو كۆلەمدىكى چۈرۈك قىزىل ئالۇچىلاردىن مول ھوسۇل ئېلىندى. مېۋىچى دېھقانلار ھوسۇل پەيتىنى چىڭ تۇتۇپ ئالۇچىلارنى ئۈزۈپ قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
ئىگىلىنىشىچە، پىڭجىن يېزىسىدىكى چۈرۈك قىزىل ئالۇچا تۈرىنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 6 مىليون يۈەنگە يېتىپ، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولغان.
(ليۇ شۈ فوتوسى)