تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

فۇدەن داشۆسى دىيابېت كېسىلى بىلەن راك كېسىلى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بارلىقىنى بايقىدى

  كىلىنىكىلىق تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، دىيابېت بىمارلىرىنىڭ راك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى دىيابېت ئەمەسلەرگە قارىغاندا روشەن يۇقىرى بولىدىكەن، ئۇنداقتا دىيابېت كېسىلى بىلەن راك كېسىلى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش مەۋجۇتمۇ؟ فۇدەن داشۆسى تەتقىقات كوللېكتىپى يېقىندا دىيابېت كېسىلى بىلەن راك كېسەللىكىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يېڭى يولنى بايقىدى، بۇ راك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا يېڭى پىكىر يولى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  فۇدەن داشۆسى بىيومېدىتسىنا تەتقىقات يۇرتىدىكى پىروفېسسور شى ياڭ، شى يۈجياڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى دىيابېت كېسىلى بىلەن راك كېسىلى ئوتتۇرىسىدا يېڭى يولنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى، دىيابېت بىمارلىرى تىنىدىكى يۇقىرى قان شېكىرى سەۋىيەسىنىڭ خۇددى زەنجىرنىڭ يەنە بىر ئۇچىغا ئوخشايدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۆزئارا جىپسىلاشقان بۇ زەنجىرنىڭ تەسىرى ئاستىدا يۇقىرى قان شېكىرى مۇھىتى ئاخىرىدا 5-hmC كۆرۈنۈشتىكى راك تورمۇزلىغۇچى گېنغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بولۇپ، كۆرۈنۈشتىكى راك تورمۇزلىغۇچى گېن ئازىيىپ كەتسە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ. تەتقىقاتتا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، دىيابېت كېسىلىنى داۋالايدىغان قىسمەن دورىلار راك كېسىلى يۈز بېرىش خەۋپىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىدىكەن.

  تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ قارىشىچە، قەنتنى ئاز قوبۇل قىلىپ، بەدەندىكى قان شېكىرى سەۋىيەسىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە ساقلاپ، AMPK ئاقسىل كىنازاسىغا بولغان تىزگىنلەش قېتىم سانىنى ئازايتىپ، TET2 ئاقسىلىنىڭ تۇراقلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، 5-hmC سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگەندە، قىسمەن ئۆسمىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن، بۇ تەتقىقات نەتىجىسى كىلىنىكىلىق تەتقىقات ۋە راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا يېڭى يۆنىلىش تەمىنلەيدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى