تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايمەن

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى تۇرغۇن مەمەت

  ھازىر تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرمەكتە، ئىقتىساد زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان، خەلق تۇرمۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلانغان، شەھەر – يېزىلارنىڭ قىياپىتى زور دەرىجىدە ئۆزگەرگەن، مىللەتلەر زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشقان، جەمئىيەت زور دەرىجىدە ئىناقلىققا تولغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. لېكىن چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى، ئۇلار شىنجاڭدا بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈشنى بوشاشتۇرغىنى ۋە توختاتقىنى يوق. كادىرلار قوشۇنىغا چوڭقۇر يوشۇرۇنغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ھېلىھەم مەۋجۇت، ئۇلار ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ قولچۇماقچىسى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. بىز كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، ئۇلارغا قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشىمىز، ئۇلارنى پاكىز قېزىپ، پاكىز تازىلىشىمىز كېرەك. پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىمەن، ئۆزلەشتۈرىمەن، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرىمەن، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايمەن.

  سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەگە سادىق، سەمىمىي بولىمەن. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزۇش، چېچەكلىتىپ مېۋە بەرگۈزۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى يۈرۈشلۈك ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى يولغا قويدى، بۇ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ شىنجاڭ زېمىنىدىكى جانلىق ئەمەلىيىتى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ كونكرېت ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى. مەن پارتىيەۋىلىككە ئەھمىيەت بېرىش، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى باشتىن – ئاخىر قەلبىمگە پۈكۈپ، زىممەمگە ئېلىپ، چىڭ تۇتۇپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ھەقىقىي تۈردە مەيدانىمنى مۇستەھكەم، بايرىقىمنى روشەن، پوزىتسىيەمنى كەسكىن قىلىمەن.

  ئىدىيە ئاڭلىقلىقىمنى ئۆستۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا قەسەم بېرىمەن. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللامنى قوراللاندۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىمەن، ئىزچىللاشتۇرىمەن، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئىجرا قىلىپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئاممىۋى خىزمەتنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەيمەن. شىنجاڭنىڭ ‹‹تۆت تارىخ››ىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى كۈچەيتىشكە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەشكە يېتەكلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ھەر ۋاقىت پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرىمەن. سىياسىي يۈكسەكلىكىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدايمەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوغدايمەن، بارلىقىمنى پارتىيەگە، دۆلەتكە بېغىشلاپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرىمەن، كادىرلار قوشۇنىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە، ھەر خىل ناتوغرا ئىستىللارغا، ناچار سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىمەن.

  بىز پەقەت يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يۇقىرى – تۆۋەن بىر مەقسەتتە بولۇپ، داۋاملىق تىرىشىپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشساقلا، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش پولات سېپىلىنى قۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى چوقۇم قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى