شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8-ئاينىڭ 13-كۈنى تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ يېقىندا دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىق تارماقلاردىن ئىگىلىشىچە، بىمارلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، دوختۇرغا كۆرۈنۈش تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈن، ئالاقىدار تارماقلار داۋالاشتىكى ئالدامچىلىق قىلمىشلىرىغا داۋاملىق زەربە بېرىشنى ۋە داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، داۋالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، داۋالاش مۇھىتىنى ياخشىلايدىكەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئېلىمىز تەدبىرلەرنى ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، مەخسۇس ھەرىكەت، دېلو تەكشۈرۈش ۋە بېجىرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، قانۇنسىز داۋالاش قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرغان. مەسىلەن، 2016-يىلى ئەسلىدىكى دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ج خ مىنىستىرلىقى، مەركىزىي ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، «نومۇر ھايانكەشلىرى» ۋە «تور دوختۇر دەللالى» قىلمىشلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش بويىچە بىر يىللىق مەخسۇس ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق شەھەرلەرنىڭ نۇقتىلىق دوختۇرخانىلىرىدىكى «نومۇر ھايانكەشلىرى» گە زەربە بەرگەن.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، كېيىنكى قەدەمدە سەھىيە-ساغلاملىق تارماقلىرى پۇقراۋى داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا قارىتىلغان سۈپەت باشقۇرۇشنى ئومۇمىي دۆلەت سۈپەت كونترول قىلىش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، پۇقراۋى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ سۈپەت ئۇچۇرىنى تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، پۇقراۋى داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە ھۆكۈمەت داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى ئوخشاش سۈپەتتە باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.