تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

112 گۈللۈك ئۈرۈمچىگە تېخىمۇ ھۆسىن قوشىدۇ

  شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرى بۇ بىر نەچچە كۈندە كوچىلارنىڭ گۈللەر بىلەن تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرگەنلىكىنى كۆردى.

  مۇخبىر 8-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 11:00 ئەتراپىدا نەنخۇ خەلق مەيدانىدا ئەتىرگۈل، تاجىگۈل، كىچىك ياۋا جۇخارگۈللىرىنىڭ بىر-بىرى بىلەن رەڭ تالىشىپ پورەكلەپ ئېچىلغانلىقىنى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ گۈللەردىن ھۇزۇرلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

  غەربىي چوڭ كۆۋرۈك پىيادىلەر يولىنىڭ ئىككى يېنىدىكى دەل-دەرەخلەر مەنزىرىسى شەكلىدە تىزىلغان گۈللەر  يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان يولۇچىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى.

  مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى (شەھەرلىك باغ-ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى) دىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچىدە شەھەرنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش، شەھەر ئېكولوگىيە مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، مەركەزلىك ھالدا ئاساسلىق يول، مۇھىم تۈگۈن، كوچا، مەيدان، باغچە قاتارلىق جايلارغا 30 نەچچە خىل گۈل-گىياھتىن 7 مىليون 521 مىڭ 200 تۈپ تىكىلىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، شەھەرلىك ئورمانچىلىق-باغۋەنچىلىك تارماقلىرى يول، مەيدان، باغچە قاتارلىق جايلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ھەر يەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئوخشىمىغان ئاساسىي تېمىلارنى لايىھەلەپ، 112 جايدا گۈللۈك بەرپا قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى