تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى مۇستەھكەملەيمەن

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىچكى ئىشلار–ئەدلىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بىلىكتۇ

  ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى يارىتىشنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىشنىڭ ئۇل تېشى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ‹‹مىللەت››، ‹‹دىن›› بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە، ئىناقلىق – مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى؛ ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل بولدى، ئۇلار ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ قولچوماقچىسى ۋە ‹‹پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول››، ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ئىناق، مۇقىم بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتكە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى.

  ئاپتونوم رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە باسقۇچلۇق نەتىجىگە ئېرىشتى، بىراق ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ۋەتەننى پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنىدىغان جىنايى قىلمىشى توختاپ قالغىنى يوق. بولۇپمۇ ئۇستىلىق بىلەن نىقابلانغان، بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرى كۈچلۈك ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ بەزىلىرى پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى سەھنىدە يۇقىرى مۇقامدا توۋلاپ، سەھنىدىن چۈشكەندە قارشى مۇقامدا توۋلىدى؛ بەزىلىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشتە كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى ئويلاپمۇ قويمىدى؛ بەزىلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلمىدى، ئەمەلىيلەشتۈرمىدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان سۆز – ھەرىكەتلەرنى تەنقىد قىلمىدى، توسۇمىدى، دوكلات قىلمىدى. ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان زەھەرلىك ئۆسمە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشتىكى توسالغۇ، ئۇلار پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشتەك سىياسىي خىسلەتنى يوقاتتى، پارتىيەنىڭ ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزۈپ، سىياسي ئېكولوگىيەنى بۇلغىدى، ئۇلارنى چوقۇم قەتئىي پاكىز يوقىتىش كېرەك.

  ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشتە، تېخىمۇ كۆپ كۈرەش قىلىشقا ۋە بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ. بىز پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارغا نىسبەتەن، تۆمۈردەك قاتتىق مۈرىگە ئىگە بولدۇقمۇ – يوق، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش روھىنى ھازىرلىدۇقمۇ – يوق، تېخىمۇ مۇھىمى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتالىدۇقمۇ – يوق، بۇ، بىر تەرەپتىن، سادىقلىقىمىزنىڭ ‹‹ساپلىقى››نى، ئېتىقادىمىزنىڭ ‹‹يۈكسەكلىكى››نى سىنىسا، يەنە بىر تەرەپتىن، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشتىكى ‹‹كۈچلۈكلۈكى››نى سىنايدۇ. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىش، ئۇلارنى قەتئىي تارتىپ چىقىرىش، تازىلاش بىز ھەر بىر پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتى.

  پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سىياسىي خىسلىتىمنى چېنىقتۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى جان تىكىپ كۈرەش قىلىمەن. ئۆزۈم سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇشقا، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۆھپە قوشىمەن. دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىدىن ئىبارەت بۇ ‹‹باش كەيگۈەن››نى چىڭىتىپ، سىياسىي مەيدان ۋە سىياسىي يۆنىلىشتە تەۋرەنمەي، پارتىيە ۋە دۆلەتكە ئۆزىنى بېغىشلاش، پارتىيە ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇشتىكى يۈكسەك ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىپ، سىياسىيدا زېرەك ئادەم بولۇپ، بوران – چاپقۇنغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، ئوتتا تاۋلىنالايدىغان دەۋر سەركىسى بولىمەن، ياخشىچاقلاردىن، ھاماقەتلەردىن بولمايمەن، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يادروغا، پارتىيەگە، ۋەتەنگە سادىق بولۇپ، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە قەتئىي مۈجمەل بولمايمەن، قەتئىي تەۋرەنمەيمەن، باتۇرلۇق بىلەن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، بايرىقىم روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن.

  ھازىر شىنجاڭ ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› ئالاھىدە مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ بىز بىلەن ئاممىنى تالىشىش كۈرىشى ئىنتايىن كەسكىن بولۇۋاتىدۇ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ داشقاللىرى، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ھىيلە – نەيرەڭلىرى ئالدىدا، بىز جەزمەن ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ئاممىنى يېتەكلەش، تەربىيەلەشتە باشلامچىلاردىن بولۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ھەقىقىي ئەپت – بەشىرىسىنى تەلتۆكۈس ئېچىپ تاشلاپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى ياخشى كادىرلاردىن بولىشىمىز كېرەك.

  قانۇن – ئىنتىزامدىن تەپتارتىپ، قانۇن – ئىنتىزام ئۆتكۈر شەمشىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تىغ ئۇچىنى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارىتىمەن. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر يوقىتىلمىسا، جەمئىيەت مۇقىم بولمايدۇ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە يېتىشمۇ قىيىنغا توختايدۇ. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىدىغان، شىنجاڭنى ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىدىغان، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرىدىغان بۈگۈنكى كۈندە، بىز باشتىن – ئاخىر بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ قانۇن شەمشىرىنى، ئىنتىزام شەمشىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى ئۈزۈل – كېسىل قېزىپ چىقىپ يوقىتىشىمىز، ئۇلارغا قەتئىي پۇت دەسسەپ تۇرغۇدەك يەر قالدۇرماسلىقىمىز، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.

  مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دانا قارارى بولسىلا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بولسىلا، ھەر مىللەت كادىرلار قەتئىيلىك بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسگە ئالسىلا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ زور قوللىشى بولسىلا، ھېچكىممۇ بىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىدا ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش قەدىمىمىزنى توسۇپ قالالمايدۇ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ بارلىق سۇيىقەستى ئۈزۈل – كېسىل مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا جەزمەن يېتەلەيمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى