تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە چىڭ تۇرىمەن

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دىلشات كېرەم

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە داۋاملىق قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاش ئارقىلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە زور باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، شىنجاڭدا ئومۇملۇق مۇقىم، ۋەزىيەتنى كونترول قىلغىلى بولىدىغان، ۋەزىيەت ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن خۇشاللىنارلىق ھالەت بارلىققا كەلدى.

  ھالبۇكى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ رەزىل سۇيىقەستى پەيدا قىلغان يامان تەسىر تېخى تەلتۆكۈس تۈگىمىدى، ئۇلار تارىخ مەسىلىسىدە ھەدەپ تارىخىي ئىنكارچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى دەۋرلىرىدىكى مەركىزىي ھۆكۈمەتلەرنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى، ئاق – قارىنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىپ، كۆز بويامچىلىق قىلدى، ئۇلار ئويدۇرۇپ چىقارغان بىر يۈرۈش ئۇچىغا چىققان ئەكسىيەتچىل ئىدىيە سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز سىڭىپ كىرىپ، يامراپ، ئاممىنى ئالدىدى ۋە قايمۇقتۇردى، ئاممىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىش، دۆلەتنى پارچىلاش مەقسىتىگە يېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتۇر، ئۇلارنىڭ رەزىل نىيىتىنىڭ چاۋىسى چىتقا يېيىلدى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى چوقۇم قاتتىق زەربىگە ۋە جازاغا ئۇچرايدۇ.

  تارىخ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان دەرىجىدە شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش ئەزالىرى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر قاتتىق باش قاتۇرۇپ، بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، شىنجاڭنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ ۋە ئۆزگەرتىپ، سەپسەتە ئويدۇرۇپ چىقىپ، كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، ئاممىنى ئالداپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنى چىرىتىش، ئۇنىڭغا سىڭىپ كىرىش ئارقىلىق، بىزدىن تەلۋىلەرچە كىشىلەر قەلبىنى، ئاممىنى، بازىنى تالىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىپ چىقىشقا ئۇرۇندى. بىز ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما چوقۇم كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ يامان نىيىتى ۋە رەزىل ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق دۈشمەن كۈچلەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى چوڭقۇر قېزىش بىر قېتىملىق جەڭ بىلەن تۈگەتكىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس، چوقۇم بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ئۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ، جەزمەن غەلىبە قىلىدىغان ئىشەنچ ۋە ئىرادە بىلەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  ھازىر ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرماقتا ۋە ئەمەلىيلەشتۈرمەكتە. پارتىيە 30 نەچچە يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باش نىشان ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭى، ئىش ئورنى ئېڭى ۋە بازا ئېڭى ئارقىلىق ھوشيارلىقىمنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتەك سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ بويىچە ئۆزۈمگە تەلەپ قويۇپ، سىياسىي ئېتىقادنى چىڭىتىپ، سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، تارىخىي بۇرچنى زىممەمگە ئېلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئېغىر يۈكىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئامما بىلەن كەڭ دائىرىدە ئالاقە باغلاپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاممىنى تارىخىي پاكىتنى ئېنىق تونۇشقا يېتەكلەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ رەزىل ئەپت – بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر پەيدا بولىدىغان تۇپراقنى تەلتۆكۈس يوقىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىش، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقىنى قوغداشنىڭ مۇستەھكەم پولات سېپىلىنى قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى يارىتىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى