تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

چاي ئىچىپ بولغاندىن كېيىن نېمىشقا ئاسانلا قورساق ئاچىدۇ؟

ماتېرىيال سۈرەت

    شەندۇڭلۇق بىر ئوقۇرمەن: ھەر قېتىم چاي ئىچىپ بولغاندىن كېيىن تاماق ۋاقتى بولماستىنلا قورسىقىم ئېچىپ كېتىدۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ چاي ئىچىشنىڭ ئورۇقلاشقا ياردىمى بارمۇ؟ دەپ سورىدى.

  جۇڭگونىڭ رويخەتكە ئېلىنغان ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى چېن رەن بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ئادەتتە بىزنىڭ ئاچلىق تۇيغۇمىز ئاساسلىقى ئىككى تەرەپتىن بولىدۇ. ئاشقازاندا لىق نەرسە بارمۇ-يوق؟ بۇ ئاچلىق تۇيغۇسىنىڭ بىرىنچى كېلىش مەنبەسى. ئاشقازاندا لىق نەرسە بولسا ئاشقازان دىۋارىدا كۈچلۈك بېسىش سېزىمى بولىدۇ، بۇ چاغدا قورسىقىمىز تويغاندەك ھېس قىلىمىز. ئەكسىچە، ئاشقازاندا ھېچقانداق نەرسە قالماي، ئاشقازان دىۋارى چاپلىشىپ قالغاندا، بىز تەبىئىيلا قورسىقىمىزنىڭ ئاچقانلىقىنى ھېس قىلىمىز. يەنە بىر خىل ئاچلىق تۇيغۇسى ھورمون تەڭشەشتىن كېلىدۇ. مەسىلەن: ئەمدىلا تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، بەدەندىكى قان شېكىرى  يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، بەدەن ھورمون ئارقىلىق چوڭ مېڭىگە يېتەرلىك نەرسە يېگەنلىك سىگنالىنى بېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن چوڭ مېڭە «تويۇش سېزىمى» نى ئىنكاس قىلىدۇ. قان شېكىرى بەلگىلىك دەرىجىدە چۈشۈپ كەتكەندە، بەدەن ھورمون ئارقىلىق چوڭ مېڭىگە قان شېكىرى تۆۋەنلەش خەۋپى بارلىقىنى ئىنكاس قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىز قورسىقىمىز ئاچقاندەك ھېس قىلىمىز.

ماتېرىيال سۈرەت

  چاي تەركىبىدە پولىفېنول، كاتېسىن، كوففېئىن قاتارلىق تەركىبلەر بار، بۇ تەركىبلەر يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئىككى خىل مېخانىزم ئارقىلىق قورساقنى ئاچقاندەك ھېس قىلدۇرىدۇ. بىر تەرەپتىن، چاي ئاشقازىنىمىزنى«ئالدايدۇ»، چاي بىزنى نەرسە يېگەندەك ھېس قىلدۇرىدۇ. چاي تەركىبىدىكى پولىفىنول، كاتېسىن ئاشقازانغا كىرگەندىن كېيىن ئاشقازان شىلىمشىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنى كۆپلەپ ئاجرىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاشقازىنىمىزغا كۆپلەپ يېمەكلىك كىرگەندەك خاتا تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ-دە، ئاشقازان توختىماي لۆمۈلدەپ، ئاشقازاندىكى نەرسىلەرنى تازىلاپ چىقىرىدۇ، بۇ چاغدا بىز قورسىقىمىزنىڭ ئاچقانلىقىنى ھېس قىلىمىز. يەنە بىر تەرەپتىن، چايدىكى تەركىبلەر قان شېكىرىنى چۈشۈرۈپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئاچلىق تۇيغۇسىنى تېزلەشتۈرۈۋېتىدۇ. چاي تەركىبىدە كوففېئىن كۆپ بولغاچقا، قان شېكىرىنى خورىتىپ، ماددا ئالمىشىشنى كۆپەيتىدۇ؛ كوففېئىننىڭ قان شېكىرىنى چۈشۈرۈشىگە ئەگىشىپ، چوڭ مېڭىمۇ قان شېكىرى تۆۋەنلەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قورساق ئېچىش سىگنالىنى چىقىرىدۇ. يەنى، چايدىكى تەركىبلەر ئاشقازاننىڭ بوشىشىنى تېزلەشتۈرۈش، قان شېكىرى قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاچلىق تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ، بۇنىڭ ئورۇقلاش بىلەن ھېچقانداق بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى يوق. ئەگەر چاينى نامۇۋاپىق پەيتتە ئىچىپ قالغاندا، ئاشقازاننى بىئارام قىلىشى، ھەتتا قان شېكىرى تۆۋەنلەشنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

ماتېرىيال سۈرەت

  شۇڭا، كۆپچىلىككە چاي ئىچكەندە تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتىمىز: ئاچ قورساق چاي ئىچمەڭ، بولمىسا قان شېكىرىڭىز تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن، كوففېئىنغا سەزگۈر كىشىلەر قېنىق دەملەنگەن چاي ئىچسە بولمايدۇ، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماي قالغاندا پەمىل چاي، پوئېر چېيىغا ئوخشاش تەبىئىيىتى مۆتىدىل چايلارنى ئىچىشكە بولىدۇ، بۇ خىلدىكى مۆتىدىل چايلار ئاشقازاننى تېز سۈرئەتتە بوشىتىپ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى