تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئىسلاھات قۇدرەتلىك كۈچىنى كۆرسىتىپ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى

  ــــ جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى يېڭى يارقىن نۇقتىلارغا نەزەر

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ شىنشىن

  ئادەمنىڭ سۈرىتىنى پەرقلەندۈرۈش ۋە چوڭ سانلىق مەلۇماتنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق قىسقىغىنا ئىككى سېكۇنتتا كىيىم لايىھەلەشتىكى3D لىك بەدەن ئۆلچەشنى تاماملىغىلى بولىدۇ؛ قەغەزدەك نېپىز ھەم ئىختىيارىي قاتلىغىلى بولىدىغان ئەۋرىشىم ئېكران تاقايدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتتى؛ 30 نەچچە خىل تىلنى بىرلا ۋاقىتتا تەرجىمە قىلىپ بېرىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرجىمە قىلغۇچ سىزنىڭ رومانتىك كەلگۈسى مەنزىلگە يېتىشىڭىزگە كۆۋرۈك بولىدۇ... ئىقتىسادنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلگەن يېڭىلىقلار تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئىقتىساد قۇرۇلمىسى ئىسلاھات داۋامىدا ياخشىلىنىپ، ھاياتىي كۈچى يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا ئۇرغۇتۇلدى. شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، ھازىر ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆزگىرىپ، يېڭى مەسىلە، يېڭى خىرىسلارغا دۇچ كەلدى، تاشقى مۇھىتتا روشەن ئۆزگىرىش يۈز بەردى. شۇڭا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ھاياتىي كۈچنىڭ مەنبەسىنى مۇستەھكەملەپ، تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

    ‹‹قۇرۇلما››نى نىشانلاپ، تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش

  ئىقتىسادقا نەزەر سالغاندا قۇرۇلمىغا قاراش كېرەك، تەرەققىياتنى كۆزلىگەندە ئوخشاشلا قۇرۇلمىغا كۈچەش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاچقۇچ ساقلانما مىقدارنى ئۆزگەرتىشتە.

  تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى شاللىۋېتىلىپ، تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تېزلىتىلگەنلىكتىن، جۇڭگو ئىقتىسادىدا يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى سىجىل ئۇرغۇدى.

  ئەسلىدىكى بىر يۆگەم پولات ماتېرىيالى يېيىلغاندىن كېيىن تومۇزغىنىڭ قانىتىدەك نېپىزلەپ، قولدا يىرتقىلى بولىدۇ. تەييۈەن پولات – تۆمۈر (گۇرۇھى) داتلاشماس پولات، سىپتا تاسما پولات چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان قېلىنلىقى ئاران 0.02 مىللىمېتىر، كەڭلىكى 600 مىللىمېتىر كېلىدىغان داتلاشماس پولات ياپراقچىسى كىشىلەرنىڭ پولات – تۆمۈرگە بولغان قارىشىنى پۈتۈنلەي ئۆگەرتىۋەتتى.

  جۇڭگو ئىشلەپچىقارغان بۇ ئەڭ نېپىز داتلاشماس پولات ئەۋرىشىم ئېكران قاتارلىق نۇرغۇن نازۇك ئۈسكۈنىلەرنى ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان ھالقىلىق ماتېرىيال بولۇپ، ‹‹گىراملاپ سېتىش››نى ئىشقا ئاشۇردى. تەييۈەن پولات – تۆمۈر (گۇرۇھى) داتلاشماس پولات، سىپتا تاسما پولات چەكلىك شىركىتى تىپنى ئۆزگەرتىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئېكسپورتتىكى ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇنىڭ بىلەن كارخانىنىڭ رىقابەت كۈچى ۋە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

  قالاق كەسىپ بولمايدۇ، پەقەت شاللىنىپ كېتىدىغان مەھسۇلاتلا بولىدۇ. بىر پارچە كىچىك داتلاشماس پولات ياپراقچىدىن ئەنئەنىۋى كەسىپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا يوشۇرۇنغان ھاياتىي كۈچ ۋە پۇرسەتنى كۆرگىلى بولىدۇ.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەملىكىتىمىزنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك بولدى. ئالدىنقى بەش ئايدا، خام ماتېرىيال سانائىتىدە پايدا %43.8 ئاشتى، كارخانىلارنىڭ تىجارىتى تەدرىجىي ياخشىلاندى. ئالىي پولات ماتېرىيالى، نازۇك ئوققازان قاتارلىقلاردىكى يېڭىلىق يارىتىشلار كەسىپلەرنىڭ يېڭى پەللىگە يېتىشىگە تۈرتكە بولدى.

  كەسىپ قۇرۇلمىسى ئۆزگىرىۋاتىدۇ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىمۇ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتىدۇ.

  نەق مەيداندا ھۈنەرۋەن بىلەن بىللە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يەككە مەھسۇلاتلىرىنى ياساش؛ سېتىۋېلىنىدىغان مالنىڭ تىزىملىكىنى ‹‹پوچتا ساندۇقى››غا سېلىپ، تاغلىق رايوندىكى كەشتىچى ئايالدىن ‹‹مال سېتىۋېلىش››... بۇ يەردە، يىۋېن گۇرۇھى بېيجىڭ چياۋفۇ فاڭساۋدى شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان ‹‹تاغ ئىچكىرىسىدىكى بازار›› كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

    قەدىمىي بازارنىڭ ھازىرقى زامان سودا كەسپى بىلەن يۇغۇرۇلۇشى ھېس قىلىش تىپىدىكى، نەق مەيداندا كۆرۈش تىپىدىكى يېڭىچە ئىستېمالنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرۈپ، يېڭى بوشلۇق ئاچتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىستېمال چىقىمىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى %78.5 بولۇپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تىرەك بولۇش رولى داۋاملىق مۇستەھكەملەندى. بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان يېڭى كەسىپ، يېڭى ئېكولوگىيە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى ئۆزگىرىش مىقدارىغا ئايلاندى.

   ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇشقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك.

  ‹‹ئىشلەپچىقىرىش ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىشتىكى تۈزۈم توسالغۇسىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك››. ‹‹مالىيە سىياسىتى ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە تېخىمۇ زور رول ئوينىشى كېرەك››. ‹‹مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ۋە مايىللىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك››... يېقىندا ئېچىلغان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى يۈرۈشۈشنى كۆزىتىش ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ لىبىن مۇنداق دېدى: ‹‹بۇزۇش››تا ئىرادىگە كېلىپ، ‹‹ياخشىلاش››تا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئورنىتىش››قا ئىشەنچ باغلاش كېرەك. ئىسلاھاتنىڭ ‹‹بىسى››نى قۇرۇلمىلىق مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىشقا قارىتىپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئۆزگەرتىپ، يەر، كاپىتال، تېخنىكا، ئۇچۇر قاتارلىق مۇھىم ئامىللاردا ئومۇميۈزلۈك كۈچەشكە تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئېشىشنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش

  ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ئۈنۈمنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەربىر ئىقتىسادىي ھۈجەيرىنىڭ ئىجادچانلىقىنى جانلاندۇرۇش ئىسلاھاتتىكى ھالقىلىق تەدبىر.

  ‹‹20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدا تۇغۇلغان›› خۇاڭ يۈچىڭ ھەرىكەتنى كونترول قىلىش قاتارلىق يادرولۇق تېخنىكىغا تايىنىپ، ‹‹مېيجيا›› ماشىنا ئادەمنى ياساپ چىقىپ، يېنىك ماشىنا ئادەم ئىنچىكە ئايرىلغان بازىرىنى كۆزلەپ، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، يېڭى پارچە سېتىش قاتارلىق كۆپلىگەن قوللىنىلىشچان بازارنى ئاچتى. بۇ يىلنىڭ 1 – پەسلىدە 10 مىليون يۈەنلىك زاكاز قوبۇل قىلدى، ئىككى يىلدىلا ئۈچ قېتىم مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى تاماملىدى. ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى كۈچىنى كۆرسەتتى: ھۆكۈمەت، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى، ئالىي مەكتەپ قاتارلىقلارنىڭ يۆلەش سىياسەتلىرى كوللېكتىپنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغىدى.

  ھاياتىي كۈچنى قوزغىتىش ئۈچۈن ئىدىيەدىن تۈزۈمگىچە ئۆزگىرىش ياساشقا توغرا كېلىدۇ.

  ئىش بېجىرىشتە ‹‹بىر تامغا بىلەن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش››تىن پاسسىپ تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشكىچە، سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا بۆسۈش ئېغىزى قىلىنغان ‹‹بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش›› ئىسلاھاتى مىكرو ئىقتىساد گەۋدىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، دۆلىتىمىز يېڭىدىن تەسىس قىلغان بازار سۇبيېكتلىرى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %.5 12 كۆپىيىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسىگە ئايلاندى.

  كارخانىلارغا ئازادە مۇھىت يارىتىپ بېرىش بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشنىڭ تولۇق شەرتى. ياسىمىچىلىق كەسىپلىرىنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجى نىسبىتىنى ۋە قىسمەن ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوندنى يىغىش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق سىياسەت، تەدبىرلەر ئارقا – ئارقىدىن يولغا قويۇلدى؛ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش كۈچەيتىلدى... بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ سېلىقنى ئازايتىش سالمىقىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى كارخانىلارنىڭ تىجارەت ئەھۋالىنى سىجىل ياخشىلاشقا تۈرتكە بولدى.

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى بەش ئايدا كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.5 ئاشقان، ھەر 100 يۈەنلىك ئاساسىي تىجارەت كەسىپ كىرىمىدىكى تەننەرخ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.31 يۈەن ئازايغان، ھەر 100 يۈەنلىك مۈلۈكتىن قىلىنغان ئاساسىي تىجارەت كەسىپ كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.4 يۈەن ئاشقان.

  بازار قانچە كەڭ ئېچىۋېتىلگەنسېرى يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى شۇنچە ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ. كەڭ ئېچىۋېتىش بىلەن رىقابەتنى كۈچەيتىش كۆزدە تۇتۇلۇپ، بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرى يولغا قويۇلدى.

  بۇ يىل 6 – ئايدا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سودا مىنىستىرلىقى سىرتقا ‹‹چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش ئىجازىتىنى ئالاھىدە باشقۇرۇش تەدبىرى (پاسسىپ تىزىملىك) (2018 – يىللىق نۇسخىسى)››نى ئېلان قىلىپ، 22 ساھەدە چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشتىكى بازار ئىجازىتىنى كەڭ قويۇۋېتىپ، ئاپتوموبىل، ئايروپىلان قاتارلىق ياسىمىچىلىق ساھەسىگە قويۇلغان تاشقى مەبلەغ ئىجازەت چەكلىمىسىنى بىكار قىلىپلا قالماي، يەنە پۇل مۇئامىلە، قاتناش – تىرانسپورت قاتارلىق ساھەلەرنى يەنىمۇ ئېچىۋەتتى.

  جۇڭگو ماكرو ئىگىلىك تەتقىقات يۇرتى تاشقى ئىقتىساد تەتقىقاتخانىسىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى لى داۋېي مۇنداق دېدى: بۇ، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، جانلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىسلاھات يۆنىلىشىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ، يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ئوچۇق ئىقتىسادنىڭ يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، نۆۋەتتە بازار ھەرىكىتىدە ئېھتىياج يېتەرسىز بولۇش، كارخانا تەننەرخى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇش قاتارلىق بېسىم يەنىلا مەۋجۇت، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش، پىشاڭلىق قۇرۇلما جەھەتتە دۇچ كەلگەن بەزى مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى يەنىمۇ ئىسلاھ قىلىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

  خۇاڭ لىبىن مۇنداق دېدى: بازار ئىجازىتى، كەسىپ سىياسىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جامائەت مۇلازىمىتى، ئۇل ئەسلىھە، بايلىق مۇھىتى قاتارلىقلارنىڭ تىرەكلىك ئىقتىدارىنى تېزدىن ئاشۇرۇپ، يېڭى رىقابەت كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  تۈزۈلمە ئىللەتلىرىدىكى ‹‹مەركىزىي نۇقتا››نى نىشانلاپ، ئىسلاھاتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ‹‹كۆپەيتىش››شەكلىدىكى ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش

  تۈزۈلمە بەرپا قىلىنغاندا، مېخانىزم راۋانلاشتۇرۇلغاندا، يېڭىلىق يارىتىش يولى ئاندىن بارغانسېرى كېڭىيىدۇ. كەلگۈسىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، تېخىمۇ مۇرەككەپ ئىقتىسادىي مۇھىتتا، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرغاندىلا، جۇڭگو ئىقتىسادى ئاندىن مۇقىملىق ئاساسىدا داۋاملىق تەرەققىي قىلىدۇ.

  مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىدا ئەسقاتىدىغان ھەم ئۈنۈملۈك بىر تۈركۈم مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى داۋاملىق مۇزاكىرە قىلىپ يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى پىلان مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خې يىنكۇن مۇنداق دېدى: ‹‹داۋاملىق›› ۋە ‹‹مۇھىم››دىن ئىبارەت ئىككى سۆزدە ھەم ئىسلاھاتنىڭ ئىزچىللىقى تەكىتلەندى، ھەم تېخىمۇ كۆپ زېھنىي كۈچنى نۇقتىلىق، قىيىن مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش كېرەكلىكى كۆرسىتىلدى، تۈزۈمنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  پەن – تېخنىكا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى بولۇپ، پەن – تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتى مۇھىم ئورۇنغا قويۇلىدۇ. جۇڭگو ماشىنىسازلىق سانائىتى ئۇيۇشمىسى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ پەخرىي مۇدىرى جۇ سېندى مۇنداق قارىدى: تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، مەملىكىتىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچى، بولۇپمۇ دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ئاجىز، پەن – تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمى تۆۋەن، پەن – تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى كۈچەيتىپ، زور يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ تەرەققىيات پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. بىر تەرەپتىن، پاي ھوقۇقى ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش، پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى تەقدىرلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇش تۈزۈمىدىكى توسالغۇلارنى يوقىتىش كېرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن، پەن – تېخنىكا مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش تۇپرىقىنى مۇنبەتلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا مەدەت بېرىش كېرەك.

  قانۇنچىل سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىپ، كارخانىلارنى خاتىرجەم تەرەققىي قىلىپ قۇدرەت تاپىدىغان قىلىش كېرەك. بۇ يىلدىن بۇيان، ئارىلاش مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدىكى ئىسلاھات، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، كارخانىچىلارنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇش ۋە قوغداشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىسلاھات ھەمتۈرتكىلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئاچقۇچلۇق تەدبىرلەر تېز ئەمەلىيلەشتى، ئىجتىمائىي كۆزلىمە ئۈنۈملۈك ياخشىلاندى، كىشىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئىشەنچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىلىم – مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش ئىسلاھاتى، بىلىم – مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش يېڭى مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىش، بىلىم – مۈلۈك ھوقۇقىدا مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش بىلەن جىنايى ئىشلار قانۇنىنى يۈرگۈزۈشنى جىپسىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مېخانىزمىنى ئورنىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرى 2018 – يىللىق ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئىسلاھات سىنىقىنىڭ مۇھىم ئىسلاھات ۋەزىپىسى قىلىنىپ، تىرىشىپ ماھىيەتلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىنىدۇ.

  باشقۇرغۇچىمۇ يېڭىلىق ياراتقۇچى بىلەن سەپەرداش بولۇپ، تېخىمۇ ئادىل، ھەققانىي بازار مۇھىتى ۋە رايىش مېخانىزم بەرپا قىلىپ، ئالدىن يولغا قويغۇچى، ئالدىن سىناق قىلغۇچىلارنى يەككە جەڭ قىلىدىغان ۋەزىيەتكە چۈشۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك. جۇڭگو ماشىنىسازلىق سانائىتى بىرلەشمىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇئاۋىن باشلىقى چېن بىن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدىكى ئىسلاھاتتا يەنە يۇغۇرۇلۇش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئامىللار، كەسىپلەر، رايونلار ئارىسىدىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا ھەمتۈرتكە بولىدىغان كۆپەيتىش شەكلىدىكى ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئىسلاھات غەلىبە قىلىشنىڭ ئەڭگۈشتەرى، يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى. كۈچ ۋە ئەقىل – پاراسەتنى ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتىگە مۇجەسسەملىگەندە، جۇڭگو ئىقتىسادى مۇقەررەر يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە مۇقىملىق ئاساسىدا داۋاملىق تەرەققىي قىلىدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى