تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىر بەلباغ بىر يول

تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن بەرپا قىلىنىۋاتقان ھاۋا يىپەك يولى

  مۇخبىرىمىز ما يىنىڭ

  8 – ئاينىڭ 9 – كۈنى سائەت 8 ئەتراپىدا، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ CZ6017 تىپلىق ئۈرۈمچىدىن لاھورغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانى دەل ۋاقتىدا ئۇچتى. 6 – ئاينىڭ 21 – كۈنىدىن ھازىرغىچە بۇ ھاۋا يولىدا ئايروپىلان قاتناۋاتقىنىغا بىر ئايدىن ئاشتى، بۇ ھاۋا يولى جۇڭگو – پاكىستان يولۇچىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە، ياۋروپا – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىچكىرى قىسمىغا جايلاشقان شىنجاڭ ھەرقايسى چوڭ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىشىدىكى ‹‹يېڭى مەركىزىي رايون››غا ئايلانماقتا. بۈگۈنكى كۈندە، شاھمات ئۇرۇقىدەك تارقالغان ئايرودۇرۇملار، تەرەپ – تەرەپكە تۇتاشقان ھاۋا يولى، شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە قاتناش تورىنى ئۈزلۈكسىز زىچلاشتۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلاردىكى يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش

  8 – ئاينىڭ 5 – كۈنى، شاڭخەيدىن كەلگەن ساياھەتچى ۋاڭ جىڭچېڭ كۆكتوقاي – قاناس تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ساياھەت قىلىش ھاۋا يولى ئايروپىلانىدا ئولتۇرغاندا مۇنداق دېدى: مەن تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ساياھەت قىلىش ئارقىلىق گۈزەل ئېرتىش دەرياسى، قاناس مەنزىرىسىنى كۆردۈم، ھازىر شىنجاڭنىڭ تارماق لىنىيە ئاۋىياتسىيەسى تېز تەرەققىي قىلىپ، يولغا كېتىدىغان ۋاقىت زور دەرىجىدە قىسقىراپتۇ.

  بۇ، ۋاڭ جىڭچېڭنىڭ ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەندىن كېيىن شىنجاڭغا قايتا ساياھەتكە كېلىشى. بەش يىل ئىلگىرى ۋاڭ جىڭچېڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭ زېمىنىغا قەدەم قويغاندا: ‹‹شىنجاڭ بەك چوڭ ئىكەن، ھەر بىر يەرگە بېرىش ئۈچۈن ھەر قېتىم ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ ئايروپىلان ئالمىشىدىكەنمىز، بۇنداق بولغاندا يولغا كۆپ ۋاقىت كېتىپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن پۇل كېتىدىكەن›› دېگەنىدى، ئۇ ۋاقىتتا ۋاڭ جىڭچېڭنىڭ ئون كۈنلۈك دەم ئېلىش ۋاقتى بولغاچقا، تۇرپان، ئىلى، قەشقەرگىلا بېرىپ، قاناسقا بارالمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانىدى. ۋاڭ جىڭچېڭ: يېقىندا دوستلار چەمبىرىكىدىن شىنجاڭدا نۇرغۇن تارماق ھاۋا يولىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى ئۇقۇپ ھاياجىنىمنى باسالماي قالدىم، دەم ئېلىش ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش ئۈچۈن يەنە كەلدىم، بۇ قېتىم ئائىلەمدىكىلەرنى ئېلىپ كەلدىم، دېدى.

  تەرەپ – تەرەپكە تۇتاشقان رايون ئىچى ھاۋا يولى ۋاڭ جىڭچېڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىنى شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ گۈزەل مەنزىرىسىنى ساياھەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  ‹‹يول ئۇزۇن، ساياھەت ۋاقتى قىسقا›› بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ھاۋا بوشلۇقىدا ساياھەت قىلىش تورىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسى ھاۋا يولى تور قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاۋىياتسىيە ھوقۇقى ۋە ۋاقىت جەھەتتە شىنجاڭنىڭ ساياھەت ھاۋا يولىنى ئالدىن قوللاپ، ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنى رايون ئىچى ھاۋا يولىنى يېڭىدىن ئېچىشقا، زىچلاشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى ۋە جەلپ قىلدى.

  ھازىر ئۈرۈمچى بىلەن جەمئىي 18 دۆلەت، 25 خەلقئارالىق شەھەر، دۆلەت ئىچىدىكى 76 شەھەر، بىر ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر ئارىلىقىدا ئايروپىلان قاتنايدۇ؛ جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدا كېسىشىپ، ئايلىنىپ ئۇچىدىغان ھاۋا يولى 31 گە يەتتى، تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمىدىن ئۈرۈمچىدە توختىماي بىۋاسىتە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شەھەرلەرگە قاتنايدىغان ھاۋا يولى 48گە يەتتى؛ شىنجاڭدا يېڭىدىن كۆپەيگەن ھاۋا قاتنىشى كارخانىسى ئىككىگە، تەۋەلىك رايونىدا ھاۋا قاتنىشى لىنىيەسىنى ئاچقان كارخانا 13 كە يەتتى؛ يېڭىدىن كۆكتوقاي – قاناس قىسقا مۇساپىلىك ھاۋا يولى ئېچىلىپ، قىسقا مۇساپىلىك تىرانسپورت ھاۋا يولى ئۈچكە يەتتى.

  رايونلار ئارا ئاۋىياتسىيە قاتنىشى يەنىمۇ راۋانلىشىپ، پۇقرالارنىڭ سەپەرگە چىقىشتىكى تاللىشى تېخىمۇ موللاشتى، شۇنداقلا تېخىمۇ كەڭ ساياھەت بوشلۇقى ئېچىلدى. 2018 – يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئايرودۇرۇملارنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 15 مىليون 911 مىڭ ئادەم(قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %14 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 11 مىليون 11 مىڭ ئادەم(قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %9.2 ئاشتى.

  زامانىۋىلاشقان ئايرودۇرۇملار ئارقا – ئارقىدىن قۇرۇلدى

  3 – ئاينىڭ 29 – كۈنى، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ CZ6697 نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلانى چاقىلىق كىرورەن ئايرودۇرۇمىغا ئوڭۇشلۇق قوندى، بۇ، چاقىلىق ئايرودۇرۇمىدا رەسمىي قاتناش باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى. شۇنىڭدىن باشلاپ چاقىلىق ناھىيەسىدە پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئايرودۇرۇمى بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى.

  چاقىلىق ئايرودۇرۇمىدا قاتناش باشلانغانلىقىغا قارىتا نيې مىڭنىڭ تەسىراتى چوڭقۇر ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى قاتناش تەرەققىي قىلمىغاچقا، چاقىلىقتىن ئۈرۈمچىگە بېرىشتا توققۇز سائەت ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ كورلىغا كېلىپ، ئاندىن كورلىدىن پويىز ياكى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشقا ياكى 22 سائەت ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ بېرىشقا توغرا كېلەتتى. نيې مىڭنىڭ چاقىلىقتا خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا 20 يىل بولغانىدى، بۇ ئارىلىقتا ئۇ ئۈرۈمچى بىلەن كورلا ئارىلىقىدا كۆپ قېتىم قاتناپ، ھېرىپ ھالىدىن كېتەتتى. ھازىر، چاقىلىق ئايرودۇرۇمىدا قاتناش باشلاندى، ئۈرۈمچىدىن چاقىلىققا بېرىشقا 2 سائەت 40 مىنۇتلا ۋاقىت كېتىدىغان بولدى، ناھايىتى قولايلىق.

  چاقىلىق، كۆكتوقاي، چەرچەن، يەكەن ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشى ئارقا – ئارقىدىن پۈتۈپ قاتناش باشلىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئايرودۇرۇملارنىڭ زىچلىقى ‹‹12 – بەش يىل››نىڭ باشلىرىدىكى ھەر 100 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا 0.96 ئايرودۇرۇم بولۇشتىن ھازىرقى 1.20 ئايرودۇرۇم بولۇشقا كۆپەيدى. كېرىيە، تاشقورغان، خېجىڭ بايىنبۇلاق، قۇبۇقسار، باركۆل، شەرقىي جۇڭغار قاتارلىق ئايرودۇرۇملارنىڭ ئايرودۇرۇم ئورنى دۆلەت پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن تەستىقلاندى.

  بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدا 20 پۇقرالار ئايرودۇرۇمى بار، شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە پۇقرالار ئايرودۇرۇمى ئەڭ كۆپ ئۆلكە(ئاپتونوم رايون)گە ئايلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە، پۈتۈن شىنجاڭدا مىليون دەرىجىلىك تارماق لىنىيەلىك ئايرودۇرۇمدىن بەشى بار. زامانىۋىلاشقان ئايرودۇرۇملار ئارقا – ئارقىدىن قۇرۇلۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى زىچ تۇتاشتۇرىدۇ.

  ھازىر شىنجاڭ ئايروپورتىدا قەرەللىك نۆۋەتچى ئايروپىلان تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاۋىياتسىيە شىركىتى 38 گە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئىچىدىكى ئاۋىياتسىيە شىركىتىدىن 28ى (بىر يۈك توشۇش ئاۋىياتسىيە شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، رايونلۇق ئاۋىياتسىيە شىركىتىدىن بىرى، خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىدىن توققۇزى(بىر يۈك توشۇش ئاۋىياتسىيە شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بار؛ ئېچىلغان ھاۋا يولى 250كە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە خەلقئارالىق(رايون) ھاۋا يولىدىن 26سى، دۆلەت ئىچى ھاۋا يولىدىن 224ى ئېچىلدى.

  ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ھاۋا يولى بەرپا قىلىش

  8 – ئاينىڭ 9 – كۈنى سەھەر سائەت بەش يېرىمدا، لاھورغا بارىدىغان يولۇچىلار جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ خەلقئارالىق ئايروپىلانغا چىقىش سۇپىسى ئالدىدا ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ كەتكەنىدى.

   يىنچۈەندىن كەلگەن يولۇچى لى مىنخۇا مۇنداق دېدى: ئەگەر ئۇچۇش ئوڭۇشلۇق بولسا، مەن قىزىمغا چۈشلۈك تاماق تەييارلاپ بېرىشكە ئۈلگۈرەلەيمەن.

  لى مىنخۇانىڭ قىزى لاھوردا خىزمەت قىلىۋاتقىلى ئۈچ يىل بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى قىزىمنى كۆرگىلى بارغاندا، ئىنگلىز تىلىنى بىلمىگەچكە، يولدىن ئېزىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ئىسلامئابادتا ئوتتۇرا يولدا ئايروپىلان ئالمىشىشقا پېتىنالمايتتىم، پەقەت بېيجىڭ ياكى گۇاڭجوۋغا بېرىپ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشنى تاللايتتىم. ھازىر جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى – لاھور ھاۋا يولى ئېچىلدى، دۆلەت ئىچىدىن، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، غەربىي رايونلاردىن پاكىستانغا بېرىشتا تېخىمۇ قولايلىق بولغان تاللاشتىن يەنە بىرسى كۆپەيدى. لى مىنخۇا ئەر – خوتۇن 8 – ئاينىڭ 8 – كۈنى يىنچۈەندىن جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىۋاسىتە لاھورغا بارىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئالماشتى.

  ھازىر، ئۈرۈمچىدىن ئىسلامئابادقا ھەر ھەپتىدە بەش نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچىدۇ، ئۈرۈمچىدىن لاھورغا ھەر ھەپتىدە ئىككى نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچىدۇ.

  6 – ئاينىڭ 27 – كۈنى، ئۈرۈمچىدىن رۇسىيە ئىركۇتسكقا تۇنجى نۆۋەتچى ئايروپىلان مۇۋەپپەقىيەتلىك قاتنىدى، يېڭى ھاۋا يولىدىكى تۇنجى ئۇچۇش ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسىدە تۇنجى خەلقئارالىق ھاۋا يولىنىڭ رەسمىي ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئىككىنچى خەلقئارالىق ھاۋا يولىنى ئېچىشقا پائال تەييارلىق قىلىنماقتا.

  8 – ئاينىڭ 21 – كۈنىدىن باشلاپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى يېڭىدىن تىبىلىسقا ئۇچىدىغان بىر نۆۋەتچى ئايروپىلاننى كۆپەيتتى. جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بۇ قېتىم كۆپەيتكەن ئۈرۈمچى – تىبىلىس نۆۋەتچى ئايروپىلانى گىرۇزىيە، شۇنداقلا باشقا ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھاۋا يولىنى كېڭەيتىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد – سودا ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرىدۇ. جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››غا ئالاقىدار ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا رايونىدا بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان ھاۋا يولى تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا قاتارلىق نۇرغۇن خەلقئارالىق ھاۋا يولىنى ئېچىپ ۋە كۆپەيتىپ، شىنجاڭدىن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› بويىدىكى شەھەر ۋە ئاسىيا – ياۋروپانىڭ ئىچكى قىسىملىرىغىچە بولغان تېخىمۇ كۆپ ھاۋا يولىنى ئاچتى.

  ھازىر، ھاۋا يولى تور قۇرۇلۇشىدا ‹‹رايون ئىچىدە تورلاشتۇرۇش، رايون سىرتىدا شەرق – غەربقىچە يەلپۈگۈچسىمان قاپلىنىش››تەك ھاۋا يولى تورى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلمەكتە. ئاسىيا – ياۋروپا قاتناش خەرىتىسىدىن زىچ ھاۋا يولىنىڭ ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلىپ، شەرق ۋە غەرب ئىككى يۆنىلىشكە كېڭەيگەنلىكىنى، خۇددى كېپىنەكنىڭ قانىتىدەك شەرقتە دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا، شەرق قىسىم رايونىغا تۇتاشقانلىقىنى، غەربتە ئوتتۇرا ئاسىيا، ھەتتا ياۋروپاغا تۇتاشقانلىقىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.

  كەلگۈسىدە شىنجاڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى يەنە دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭدىن شەرقىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، ياۋروپا قاتارلىق جايلارغىچە بولغان خەلقئارالىق ھاۋا يولىنى ئېچىش ۋە كۆپەيتىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قاتناش تۈگۈنى مەركىزىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھاۋا يىپەك يولى مۇھىم ئاۋىياتسىيە نۇقتىلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى