تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شاڭخەي شەھىرى شىنجاڭنىڭ «ئالاھىدە ساياھەت» نى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بەردى

  شىنخۇا تورى، شاڭخەي، 8-ئاينىڭ 13-كۈنى تېلېگراممىسى. «2018-يىللىق 9-نۆۋەتلىك شىنجاڭ خەلقئارا ئالاھىدە ساياھەت بايرىمى» يېقىندا باشلاندى، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 20 دىن ئارتۇق ساياھەتچى يېقىندا قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئۆي ئاپتوموبىلى لاگېرىدىن قوزغىلىپ، ئۆي ئاپتوموبىلى ھەيدەش، ۋېلىسىپىت مىنىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن، شىنجاڭ-شىزاڭ تاشيولىنى بويلاپ، شىزاڭنىڭ ئالى رايونىغا قاراپ يولغا چىقتى.

  بۇ «ئالاھىدە ساياھەت» پائالىيىتى شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ياردەم بېرىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى يېڭىچە شەكلى.

  «ئالاھىدە ساياھەت» ساياھەتچىلەرنىڭ مەلۇم جەھەتتىكى ئالاھىدە قىزىقىشى ۋە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، نىشانلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ تەشكىللەنگەن بىر خىل ئالاھىدە مەخسۇس ساياھەت پائالىيىتى بولۇپ، بۇ خىل ساياھەتنىڭ ۋاقتى ئۇزۇن بولىدۇ، مەنزىلگە بارغىچە كۆپ ھاللاردا ئۆزگىچە يەر شەكىللىرى، ئادەم ئاز ئۇچرايدىغان جايلاردىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ، سەپەردە قىيىنچىلىقلار كۆپ بولىدۇ، ئەمما ساياھەتچىلەر بۇ خىل ساياھەتتە يېڭىلىق ھېس قىلىدۇ ۋە ئېكسپېدىتسىيە قىلالايدۇ. شىنجاڭ-شىزاڭ تاشيولى لىنىيەسى جاپالىق ۋە خەتەرلىك، ئادەم ئاز، ئۆي ئاپتوموبىلى ھەيدىگۈچىلەرنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەشتە يېتەرلىك تەجرىبىسى بولۇپلا قالماي، يەنە ياخشى بەدەن ئىقتىدارى بولۇشى، مۇستەقىل ھالدا تۈرلۈك تاسادىپىي يۈز بەرگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ .

  شاڭخەي «داتۇڭ» ئۆي ئاپتوموبىلى پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسىدىكى شېھىتيار مەنزىرە رايونىدا ئۆي ئاپتوموبىلى لاگېرى تەسىس قىلدى، شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قاغىلىق شۆبە قوماندانلىق ئىشتابى ۋە يەرلىك ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قوللىشى، ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، ئۆي ئاپتوموبىلى لاگېرى «بىر بېكەتلىك» يۈرۈشلۈك ساياھەت قىلىش ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى كۆپەيتىپ، ساياھەت تەمىنلەش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى.

  ئىگىلىنىشىچە، شاڭخەي ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن مەخسۇس «ئۈچ قەدەم مېڭىش» پىلانىنى تۈزگەن بولۇپ، بۇ ئۈچ قەدەم: قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ساياھەت ئىقتىدار رايونى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىش، ساياھەت بازىرى ۋە كەسىپ كۆلىمىنى كېڭەيتىش، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى سۈپەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى