تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئابابەكرىنىڭ بېيجىڭلىق تۇغقىنى

  مۇخبىرىمىز خې خۇڭۋېي

  8 – ئاينىڭ 11 – كۈنى، خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسى سۇيا لەڭگەر كەنتىدىكى ئابابەكرى قادىرنىڭ ئۆيى ناھايىتى قىزىپ كەتتى، ئۈستەلگە تاتلىق – تۇرۇم، مېۋە – چىۋە، ساڭزىلار تىزىلغانىدى، بېيجىڭلىق تۇغقىنى ما ئاكىنىڭ كېلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئابابەكرىنىڭ خوتۇنى تۇرسۇنگۈل ئوبۇلقاسىم سەھەردىلا ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى.

  ـــ ئابابەكرى ئۇكام، يېقىندىن بۇيان سالامەتلىكىڭىز ياخشى بولۇپ قالدىمۇ؟

  ــــ يېقىندىن بۇيان ياخشى بولۇپ كەتتىم ما ئاكا، ـــ ئابابەكرى بىلەن بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خوتەن قوماندانلىق ئىشتابى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما ۋېيلى چىڭ قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى.

  ــــ غاز بېقىش ناھايىتى ئاسان، بۇ قېتىم سىزگە غاز چۈجىسى ئېلىپ كەلدىم، ــــ ما ۋېيلى غاز چۈجىسىدىن باشقا يەنە دائىم ئىشلىتىدىغان دورىلارنى، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كىتابلىرىنى ئالغاچ كەلگەنىدى.

  ــــ تۇغقانلىرىمغا ئاشقازان – ئۈچەي دورىسى، زۇكام دورىسى ۋە ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى قاتارلىق دائىم ئىشلىتىدىغان دورىلار كېرەك بولۇپ قالىدۇ، بالىلارمۇ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدىغان كىتابلارغا ئېھتىياجلىق...

  ئابابەكرى ئۇزاقتىن بۇيان بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش كېسىلىنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقانىدى، بۇلتۇر كېسىلى ئېغىرلىشىپ كېتىپ ئارانلا ماڭىدىغان، ئەڭ ئاددىي دېھقانچىلىق ئىشلىرىنىمۇ قىلالمايدىغان بولۇپ قالغانىدى. بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش يۈكى ئۇنىڭ خوتۇنىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنىدى.

  ما ۋېيلى قېرىندىشى ئابابەكرى ئائىلىسىنىڭ تىرىكچىلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش توغرىسىدا كۆپ ئويلاندى. باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن غاز چۈجىسى سېتىۋېلىپ، ئۆيىدە بېقىپ يېتىلدۈرگەندىن كېيىن كوپىراتىپقا بىرتۇتاش سېتىپ بەرسە مەبلەغ ئاز كېتەتتى، ئۈنۈمى تېز كۆرۈلەتتى، ئېغىر ئەمگەك قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. شۇڭا ما ۋېيلى تۇغقىنىغا لوپ ناھىيەسى دول يېزىلىق غاز ئېكولوگىيە باقمىچىلىق بازىسىدىن 20 غاز چۈجىسى، يەم – خەشەك بازىسىدىن ئون كىلوگىرام يۇقىرى سۈپەتلىك دان ئېلىپ بەردى.

  غاز چۈجىلىرىنى باقىدىغان كاتەك بولمىغاچقا، ما ۋېيلى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى غاز چۈجىلىرىنى ئۆيگە ئېلىپ كېلىپلا كاتەك سېلىشقا تۇتۇش قىلدى. ئۇلار ياغاچ قوزۇق قېقىپ، تور تارتىپ، كاتەك ئېغىزىنى ياخشى پىلانلاپ، غاز چۈجىلىرىگە ‹‹كۆلچەك›› كولاپ بەردى. ئابابەكرىنىڭ ئارقا ھويلىسىغا ناھايىتى تېزلا ئۆلچەملىك بىر غاز كاتىكى سېلىندى، 20 غاز چۈجىسىمۇ ‹‹يېڭى ئۆي››ىگە ماكانلاشتى.

  ما ۋېيلى مۇنداق دېدى: كاتەكنى سالىدىغان چاغدا ئورۇننى ياخشى پىلانلىدۇق، بۇ جاي بىرقەدەر كەڭتاشا، سۇ مەنبەسىگىمۇ خېلى يېقىن، غاز چۈجىلىرىنىڭ چوڭىيىشىغا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.ئابابەكرى مۇنداق دېدى: ما ئاكام ماڭا ناھايىتى كۆپ ياردەم قىلدى، ئۇ ماڭا پىلان كۆرسىتىپ، غاز چۈجىسى ئېلىپ بەردى ھەم غاز كاتىكى سېلىپ بەردى.

  ما ۋېيلى مۇنداق دېدى: غازلارنى بىر مەزگىل باققاندىن كېيىن باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى يىغىۋالىدۇ، بۇ 20 غازنى 2000 يۈەنگە ساتقىلى بولىدۇ، بۇ پۇلنىڭ بىر قىسمىغا يەنە 20 غاز چۈجىسى سېتىۋېلىپ باقسا بولىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ئابابەكرى ئىنىمنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كېتىدۇ.

  ما ۋېيلى غاز بېقىش بازىسىدىن ئۆگىنىپ كەلگەنلىرىنى ئابابەكرى ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى تۇرسۇنگۈلگە بىرمۇبىر سۆزلەپ بەردى، شۇنداقلا ئۇلارغا ھەرقانداق مەسىلىگە يۇلۇقسا تېلېفون قىلىشنى تاپىلىدى.ما ۋېيلى ئىنىسى ئابابەكرىنىڭ دائىم بەل ئاغرىقى ئازابىنى تارتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ناھايىتى ئىچى ئاغرىدى.

  ــــ بېيجىڭ جىشۈيتەن دوختۇرخانىسىنىڭ بىر سۆڭەك كېسىلى دوختۇرى ھازىر خوتەندە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتىدۇ، بۇنداق پۇرسەت ئاسان قولغا كەلمەيدۇ، ئەتە بىز بىللە دوختۇرخانىغا بارايلى.

  ــــ رەھمەت سىزگە ما ئاكا! سىز مېنىڭ بېيجىڭلىق تۇغقىنىم! ـــ دېدى ئابابەكرى ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا.

  ئارقىدىن بىر ئائىلە كىشىلىرى بىللە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى. ما ۋېيلى مۇنداق دېدى: مېھرىبان ناخشىمۇ ئېيتالايدىكەن، ئۇسسۇلمۇ ئوينىيالايدىكەن، ئۇ چوڭ بولغاندا بېيجىڭغا بېرىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇسا نېمىدېگەن ياخشى، ئۇنى ئالىي مەكتەپتە ئۆزۈم ئوقۇتىمەن!

  ما ۋېيلى ئابابەكرىنىڭ يەتتە ياشلىق قىزى مېھرىبانغا ناھايىتى ئامراق بولۇپ، ئۇنى ئۆز قىزىدەك كۆرەتتى. ما ۋېيلى مېھرىبانغا مۇنداق دېدى: كېيىن مەن سىزنى بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىپ بېيجىڭنى ئايلاندۇرىمەن.

  خوشلىشىدىغان چاغدا، ئابابەكرىنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئىشىك ئالدىغىچە چىقىپ ما ۋېيلى بىلەن قول پۇلاڭلىتىپ خوشلاشتى، مېھرىبان ئۇنىڭغا ناھايىتى قىيمىغان ھالدا ئۇنى ئۇزاققىچە ‹‹دادا›› دەپ چاقىردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى