تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئېقىن ساياھىتى (لەيلەپ ئېقىش) ساياھەتچىلەرگە ئۆزگىچە خۇشاللىق ئاتا قىلدى

    «قاناسقا بارغانلار چوقۇم ئېقىن ساياھىتى (لەيلەپ ئېقىش)نى سىناپ كۆرۈڭلار، بىر ئاز قورقۇنچلۇق بولسىمۇ ئەمما بىخەتەر ئىكەن، ئىككى قىرغاقنىڭ مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل ئىكەن، مەن بۇ قېتىم بەك خۇشال ئوينىدىم!». 8-ئاينىڭ 11-كۈنى خۇنەندىن كەلگەن ساياھەتچى جاڭ شياۋيا قاناستىكى ئېقىن ساياھىتى (لەيلەپ ئېقىش)نى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختىدى، ھەمدە ئېقىن ساياھىتى (لەيلەپ ئېقىش) جەريانىدا ئىككى قىرغاقتىكى گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، يەنە دولقۇن كېمىسىگە چىقىپ باشقىچە ھېسلارغا چۆمگەنلىكىنى ئېيتتى.

    بىر تەرەپتىن گۈزەل مەنزىرىنى تاماشا قىلغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن لەيلەش ئاتا قىلغان ئۆزگىچە ھېسسىياتلارغا جۆر قىلىدىغان قاناستىكى ئېقىن ساياھىتى (لەيلەپ ئېقىش) تۈرى شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

   ئەمەلىيەتتە، قاناستىكى ئېقىن ساياھىتى (لەيلەپ ئېقىش) شىنجاڭدىكى ئالاھىدە ساياھەتنى كۆپ خىل ھېس قىلىش ئەندىزىسىنىڭ بىرى. ئالاھىدە ساياھەت يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېڭىدىن گۈللىنىشكە باشلىغان ساياھەت شەكلى بولۇپ، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشنى ئاساس قىلغان. ئادەتتىكى ساياھەتكە سېلىشتۇرغاندا، ئىختىيارىلىق، ئۆزگىچىلىك، مەقسەتچانلىققا مايىل بولۇپ، «بىپايان زېمىن، چەكسىز كەتكەن مەنزىرە» گە ئىگە شىنجاڭ دەل مۇشۇنداق ئادەتتىكىگە ئوخشاشمايدىغان ساياھەتكە ماس كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى