ئۆز خەۋىرىمىز. 8-ئاينىڭ 11-كۈنى نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەر «قۇملۇقتىكى گۆھەر»دەپ تەرىپلىنىدىغان بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسى باغراش كۆلى داخېكو مەنزىرە ساھىلى كۆڭۈل ئېچىش مەيدانىدا پىژغىرىم ئىسسىقتىكى كۈچلۈك كۈن نۇرىغا قارىماي قۇملۇقتا يالاڭئاياغ كۆڭۈللۈك ئوينىدى، پۈتۈن مەيدان خۇشاللىققا چۆمۈپ، بالىلارنىڭ چۇرقىرىشىپ ئوينىغان ئاۋازلىرى ئەتراپنى بىر ئالدى.
باش كۈز ئايلىرىدا، باغراش كۆلى مەنزىرە رايونى تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرىدۇ. يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى ياز ئايلىرىدىن باشلاپ تاكى ھازىرغىچە داۋاملاشقان بولۇپ، كۆل مەنزىرە رايونى ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى. 8-ئاينىڭ 11-كۈنى، مەنزىرە رايونى ھەپتە ئاخىرىلىق كۆپ تۈردىكى سەنئەت نومۇرلىرىنى تەييارلاپ، ساياھەتچىلەر ئۈچۈن كاتتا سورۇن ھازىرلىدى.
(جاڭ يەنلىن، ۋاڭ لۇبىن فوتوسى)