تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ كارخانىلار پېيىنى بازارغا سېلىشنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى

 مۇخبىرىمىز ۋاڭ يۇڭفېي خەۋەر قىلىدۇ: 8 – ئاينىڭ 10 – كۈنى، جۇڭگو ئاكسىيە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى شىنجاڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى شىركەتلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش 2 – باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى جاۋ پېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر شىنجاڭدىكى بەش شىركەت جۇڭگو ئاكسىيە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى تارقىتىش – تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل ئىچىدە يەنە باشقا شىركەتلەرنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىش ئىمكانىيىتى بار. دۆلەتنىڭ شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىش ‹‹يېشىل يول›› سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭ كارخانىلار پېيىنى بازارغا سېلىشنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى.

  2016 – يىلىنىڭ بېشىدىن بۇ يىل 7 – ئاينىڭ 9 – كۈنىگىچە، شىنجاڭدا پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتتىن 11ى كۆپەيدى. بۇنىڭ ئىچىدە، خۇيجيا شىدەي، تيەنشۈن پاي شىركىتى، شىنجاڭ تەبىئىي گاز شىركىتى، بېيكېن ئېنېرگىيە شىركىتى، دېشىن قاتناش – تىرانسپورت شىركىتى، شىلىڭ ئۇچۇر شىركىتى، لىئاڭ تېخنىكىسى، شىنجاڭ خوجۈ، دۇڭفاڭ خۇەنيۈ قاتارلىق توققۇز شىركەتنىڭ پېيى تۇنجى قېتىم بازارغا سېلىندى، يەنە پېيى بازارغا سېلىنغان ئىككى شىركەت شىنجاڭغا كۆچۈپ كىردى. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدىكى A پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتنىڭ ئومۇمىي سانى 54 كە يەتتى. جاۋ پېڭ مۇنداق دېدى: 1994 – يىلى شىنجاڭدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان تۇنجى شىركەت خۇڭيۈەن ئاكسىيەسى بازارغا سېلىنغاندىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، شىنجاڭدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر يىلىغا ئىككىدىن كۆپەيدى؛ يېقىنقى ئۈچ يىلدا يىلىغا يېڭىدىن تۆت شىركەت كۆپىيىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئىلگىرىكى يىللاردىكى ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولدى.

  شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش سەۋەبىنى تەھلىل قىلغاندا، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى مۇھىم ئامىل. شىنجاڭ فېڭخۇي جېڭشىن مۈلۈك باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، شېنجېن چىڭخۇا تەتقىقات يۇرتىنىڭ پەخرىي پىروفېسسورى ۋاڭ تاۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ‹‹شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون بولۇپ، ئالاھىدە سىياسەت ئەۋزەللىكى، جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە، يوشۇرۇن كۈچى ناھايىتى زور. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ مۇقىم بولۇشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى تەدرىجىي ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلانماقتا. پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ ئاساسلىق تىجارەت كەسپىدىن قارىغاندا، كەسىپ تەرەققىياتى شىنجاڭ ئۈستىگە ئالغان يادرولۇق رايوننىڭ ئىقتىدارى، ئورنىغا ماس كېلىدۇ. مەسىلەن، قاتناش – تىرانسپورت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېشىن قاتناش – تىرانسپورت شىركىتى شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قاتناش تۈگۈنى مەركىزىلىك ئورنىغا ماس كېلىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋەزىيىتى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى شىنجاڭغا كېلىپ تەرەققىي قىلىشقا جەلپ قىلماقتا، ھەتتا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن بىۋاسىتە شىنجاڭغا كۆچۈپ كەلگەن پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرمۇ بار.

  يەنە بىر جەھەتتىن، شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشى جۇڭگو ئاكسىيە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. 2016 – يىلى 8 – ئايدا، جۇڭگو ئاكسىيە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى شىنجاڭ كارخانىلىرىغا تۇنجى بولۇپ پېيىنى بازارغا سالغاندا ‹‹ئەنگە ئالدۇرغان ھامان تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن ھامان بازارغا سېلىش›› تەك ‹‹يېشىل يول›› سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭ شىركەتلىرىنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىشتا ئۆچرەتتە تۇرۇپ ساقلاش ۋاقتىنى قىسقارتتى.

  شىنجاڭ پۇل مۇئامىلە ئىشخانىسى ئۇدا بىر نەچچە يىل پېيى بازارغا سېلىنىدىغان زاپاس كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، ھەم كارخانىلارنى پېيىنى بازارغا سېلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان مۇكاپاتلاش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شىنجاڭ ئاكسىيە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۈەن ۋېيخۇا مۇنداق دېدى: يېقىنقى ئۈچ يىلدا، بىز خىزمەتلەرنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ پىلانلىدۇق. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەربىيەلەش، سىياسەت جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىش سالمىقىنى ئاشۇردۇق.

  شىنجاڭ كارخانىلىرى پېيىنى بازارغا سېلىش ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپلا قالماي، ماركا ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولدى، يەنە كاپىتال بازىرىدا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى، شۇ ئارقىلىق ئۆز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى ھەم بىرلەمچى، ئىككىلەمچى كەسىپ زەنجىرىنى تەرەققىي قىلدۇردى، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. 2017 – يىلى شىنجاڭدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسى مۇقىم ئاشتى، تىجارەت ئومۇمىي كىرىمى 391 مىليارد 790 مىليون يۈەن بولدى؛ 2017 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر جەمئىي 216 مىڭ بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %10.7 ئېشىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولدى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈردى.

  ۋاڭ تاۋ مۇنداق دېدى: پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەت سانىنىڭ كۆپىيىشى مۇقەررەر ھالدا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئۇلىنى يەنىمۇ پۇختىلىدى، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى بەش چوڭ مەركەز قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تىرەككە ئىگە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى