شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: 8-ئاينىڭ 10-كۈنى، بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى يەككە كۈندە كۈتۈۋالغان ساياھەتچى سانى 7400 ئادەم (قېتىم) دىن ئېشىپ، كۈندىلىك كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى مىقدارى رېكورتىنى يېڭىلىدى.
كەچكى شەپەق مەنزىرىسى توققۇز ئەگىم قايدۇ دەرياسىدا ئەكىس ئېتىدىغان بولۇپ، دەريانىڭ سۇ مىقدارى، نۇر چۈشۈش بۇلۇڭى، سۈرەتكە ئېلىش ۋاقتى جەھەتتە ئەڭ ياخشى پەيتى بولغاندا، توققۇز قۇياش ئەكىس ئېتىدۇ. لېكىن بۇنداق پۇرسەت كەم ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئادەتتە جۇڭچيۇ بايرىمىنىڭ ئالدى كەينىدە ئاسان سۈرەتكە تارتقىلى بولىدۇ. شۇڭا ھەر يىلى ياز، كۈز پەسلىدە، نۇرغۇنلىغان فوتوگراف ھەۋەسكارلىرى بىلەن ساياھەتچىلەر بۇ جايغا كېلىپ گۈزەل مەنزىرىنى سۈرەتكە تارتىدۇ.