يەر شارى تورى خەۋىرى: ياپونىيەدىكى سانكو شىركىتى يېقىندا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك «ئاپتوماتىك ئايلىنىدىغان قاچا يۇيۇش قول ئۈسكۈنىسى»نى بازارغا سالدى. بۇ ئاشخانا بۇيۇمىنىڭ بازارغا سېلىنىشى ئۆيىدە قاچا يۇيۇش ماشىنىسى بولمىغان، قاچا يۇيۇشنى ئاۋارىچىلىك دەپ بىلىدىغان «ھورۇن» كىشىلەر ئۈچۈن خۇش خەۋەر بولدى.
بۇ ئۈسكۈنىگە قاچىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، باشلىنىش كونۇپكىسىنى باسقاندا، ئۈسكۈنە مىنۇتىغا 500 قېتىملىق سۈرئەتتە ئايلىنىپ، نەچچە سېكۇنتتىلا قاچىنى پاكىز يۇيۇۋېتىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، قاچا يۇيۇش جەريانىدا قولنى سۇغا تىقىش ھاجەتسىز ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئۈسكۈنىگە تولۇق توك قاچىلاش ئۈچۈن ئىككى سائەت كېتىدىكەن، توك قاچىلانغاندىن كېيىن، ئۇدا 45 مىنۇتتىن 60 مىنۇتقىچە ئىشلەتكىلى بولىدىكەن. بۇ ئۈسكۈنىنىڭ باھاسى 58 پۇندستېرلىڭ (تەخمىنەن 510 يۈەن) ئىكەن.