تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

چۇڭچىڭدىكى سىرلىق ئۆڭكۈردىن شەمشەر چىشلىق پىل ۋە سۇماترا بۆكىنىنىڭ تاشقاتمىسى بايقالدى

    خەلق تورى، چۇڭچىڭ، 8-ئاينىڭ 13-كۈنى تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 8-ئاينىڭ 12-كۈنى چۇڭچىڭ شەھەرلىك مۇزېيدىن ئىگىلىشىچە، بېيبېي رايونى ليۇيىڭ بازىرى خېشىن كەنتىدىكى بىر ئىپتىدائىي سىرلىق ئۆڭكۈرنىڭ چوڭقۇر جايىدىن يېقىندا تەتۈر ئېسىپ قويغاندەك كۆرۈنىدىغان ستالاكتىتتىن باشقا يەنە نۇرغۇن ھايۋانلارنىڭ تاشقاتمىسى بايقالغان.

    مۇزېيدىكى ئالاقىدار خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۆڭكۈرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھايۋانلارنىڭ تاشقاتمىسىنى باھالىغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ شەرق شەمشەر چىشلىق پىلى، قوش مۈڭگۈزلۈك كەركىدان، كالا، سۇماترا بۆكىنى، قوڭۇر بۇغا، ئېيىق، ياۋا توڭگۇز، جەيرە، تاپىر ۋە مۈشۈكئېيىق، كىلىماتى تىپىك شەمشەر چىشلىق پىل-مۈشۈكئېيىق قاتارلىق ھايۋانلار توپى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

    ئىگىلىنىشىچە، ئۆڭكۈردىكى ھايۋانلارنىڭ تاشقاتما ئىچكى قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا چۈشىنىش ئۈچۈن، چۇڭچىڭ شەھىرىدىكى كەسپىي خادىملار يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇۋېتىپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى