بۇ شىزاڭ رېكازې شەھىرى جىلۇڭ ناھىيەسى دۆلەت يولى 216-لىنىيەسىنىڭ جىرى بۆلىكىدىكى پەنشەن يولى
شىنخۇا تورى خەۋىرى: دۆلەت يولى 216-لىنىيەسىنىڭ جىرى بۆلىكى شىزاڭنىڭ رېكازې شەھىرى جىلۇڭ ناھىيەسىدىن باشلىنىپ، چېگرىدىن چىقىدىغان تاموژنا ئېغىزى رېسۇ كۆۋرۈكىگىچە تۇتىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 94 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، جۇڭگو بىلەن نېپال ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى سودىسىنى باغلاپ تۇرىدىغان يول ھېسابلىنىدۇ. 2015-يىلى، 4-ئاينىڭ 25-كۈنى نېپالدا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندە، شىزاڭنىڭ كۆپ قىىسىم جايلىرى، تىك تاغلاردىن ئۆتىدىغان جىلغىلار، دۆلەت يولى 216-لىنىيەسىنىڭ جىرى بۆلىكى قاتتىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، يوللاردا قاتناش پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالدى. جۇڭگو-نېپال ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى سودا ئالاقىسىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، جۇڭگو تۆمۈريول 20-ئىدارىسى ئەڭ تېز سۈرئەتتە جىلۇڭ ناھىيەسىگە بېرىپ يوللارنى رېمونت قىلىش خىزمىتىگە قاتناشتى.
بۈگۈنكى كۈندە، جىلۇڭ خەلقئارا دەرىجىلىك تاموژنا دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ، يول قاتارلىق ئاساسلىق ئەسلىھەلەرنى رېمونت قىلىش ئاياغلىشىپ، جۇڭگو-نېپال تاشقى سودىسى تېخىمۇ جانلاندى. ئىگىلىنىشىچە، جىلۇڭ تاموژنىسىنىڭ يىللىق سودا سوممىسى بولۇپ، 4-ئاينىڭ 25-كۈنى يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن دەسلەپكى 450 مىليون يۈەندىن 2017-يىلىدىكى 2 مىليارد 845 مىليون يۈەنگە ئاشقان، نۆۋەتتە يىللىق ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللار تەخمىنەن 200 مىڭ توننىدىن ئاشىدىغان سەۋىيەنى ساقلىغان. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ دۇڭجۈن فوتوسى)