تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

بۇ 12 نەرسىنى ئورتاق ئىشلەتمەڭ (2)

    ساقال ئالغۇچ
    ساقال ئالغۇچ تېرىنى ئاسانلا كېسىپ، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ۋە بولمايدىغان جاراھەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر ساقال ئالغۇچقا قان يۇقۇپ قالسا، ساقال ئالغۇچنى ئورتاق ئىشلەتكەندە ئاسانلا B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى قاتارلىق كېسەللىكلەر يۇقۇپ قېلىشى مۇمكىن.

    ھالقا
    ئاياللار دوستلىرى بىلەن ھالقا قاتارلىق زىبۇ-زىننەتلىرىنى ئالماشتۇرۇپ تاقاشقا ئامراق. ئەگەر قۇلاق تۆشۈكىدە ياللۇغ بولسا، قان ئارقىلىق ھەر خىل كېسەللىكلەر يۇقىدۇ. شۇڭا باشقىلار بىلەن ھالقا قاتارلىق زىبۇ-زىننەتلەرنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك ياكى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك.

    چوكا
    ئادەتتە چوكىنى ئانچە ئورتاق ئىشلىتىپ كەتمىسەكمۇ، ئەمما قىسمەن كىشىلەر قىزغىنلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن تاماقنى ئۆزىنىڭ چوكىسىدا قىسىپ قارشى تەرەپكە ئېلىپ بېرىدۇ، بۇنداق قىلغاندا مىكروب ئاسان تارقىلىدۇ.

    لۆڭگە
    لۆڭگىنى ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكەندە ئادەم بەدىنى ئاجرىتىپ چىقارغان ئاجرالمىلار يۇقۇپ قالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى مىكرو ماددىلار بار. ئائىلە ئەزالىرى بىر لۆڭگىنى ئورتاق ئىشلەتكەندە ئاسانلا كېسىشمە يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدۇ.

    چىش چوتكىسى
    ئېغىز بوشلۇقىمىزدا نۇرغۇن مىكروبلار بار، بۇ مىكروبلار چىش چوتكىسىغا ئاسان يېپىشىۋالىدىغان بولغاچقا باشقىلار ئورتاق ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە ئېغىز بوشلۇقىدا يارا بولسا، چىش چوتكىسىغا قان يۇقۇپ كېسەللىكلەرنىڭ يۇقۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

    كۆز تورلىشىش كۆزئەينىكى
    كۆز تورلىشىش كۆزئەينىكىنى بەزى كىشىلەر ھەمراھى بىلەن ئورتاق ئىشلىتىدۇ. ئەمما كۆز تورلىشىش كۆزئەينىكى شەخسنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە ئاساسەن سەپلەنگەن بولغاچقا، باشقىلارنىڭكىنى ئىشلەتكەندە كۆزنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇپ ھەتتا بەزى كۆز كېسەللىكلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش ۋە قوزغىلىش ئېھتىماللىقىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى