باش كىيىم بىلەن تارغاق
تېنى ساغلام كىشىلەر باش كىيىم ياكى تارغاقنى ئورتاق ئىشلەتسە ھېچقانداق مەسىلە كېلىپ چىقماسلىقى مۇمكىن. ئەگەر قارشى تەرەپنىڭ باش تەمرەتكىسى بولسا، باش كىيىم ياكى تارغاقنى ئورتاق ئىشلەتكەندە ساغلام تەرەپكە يۇقۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ.
تىرناق ئالغۇچ
ئائىلىدە تىرناق ئالغۇچنى ئورتاق ئىشلىتىش بىر قەدەر ئومۇملاشقان. ئەمما ساغلاملىق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا تىرناق ئالغۇچنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ئەگەر تىرناق ئېلىۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن تېرىنى كېسىپ قانىتىۋالسا، تىرناق ئالغۇچقا قان ئارقىلىق يۇقىدىغان باكتېرىيە يۇقۇپ قېلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى، ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شار باكتېرىيەسى قاتارلىقلار.
كۆپىنچە ئائىلىلەردە چىش پاستىسىنى ئورتاق ئىشلىتىدۇ. بۇنداق قىلغاندا نۇرغۇن ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى كېسىشمە يۇقۇشى مۇمكىن.
نائۇشنىك
نائۇشنىكنى ئۇزۇن ئىشلەتكەندە، نائۇشنىككە نۇرغۇن چاڭ-توزان ۋە كىرلەر يىغىلىپ قالىدۇ. نائۇشنىكنى ئورتاق ئىشلەتكەندە باشقىلارنىڭ قۇلىقىدىكى مىكروب سىزنىڭ قۇلىقىڭىزغا، سىزنىڭ نائۇشنىكىڭىزدىكى مىكروب باشقىلارنىڭكىگە ئۆتۈپ، قۇلاق ئىچى يۇقۇملىنىشىنى ھەتتا باشقا كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
گەرچە لەۋ سۇرۇخ، كىرپىك لاكى قاتارلىق پەرداز بۇيۇملىرىدا مىكروب ئۆلتۈرگۈچ ۋە چىرىشتىن ساقلىغۇچ بولسىمۇ، ئەمما قارشى تەرەپتە كۆزى قىزىرىش، يۇقۇملۇق زۇكام، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى، قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بولسا، بۇ پەرداز بۇيۇملىرىنى باشقىلار ئىشلەتكەندە يۇقىرىقى كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.