تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

دوستلۇق پائالىيىتىدە قوشماقلاشقان تۇغقانلارنىڭ قېرىنداشلىق مېھرى چوڭقۇرلاشتى

  تىيانشان تورى ئىختىيارى مۇخبىرلىرىمىز لى جۇڭۋاڭ، پېڭ جيەنفېڭ خەۋىرى: 8-ئاينىڭ 3-كۈنى ئەتىگەندە قاراشەھەر ناھىيەسىنىڭ خورا تېغى ئېتىكىدە كەنت ئاھالىلىرى تەرەپ-تەرەپتىن كېلىپ، خۇردان كەنت كومىتېتىنىڭ ھويلىسىدىكى ۋاقىتلىق سۇپىنى ئورىۋېلىشتى. ئۇلار بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ، كۈلكە-چاقچاقلار قىلغاچ، يىراقتىن كېلىدىغان تۇغقانلىرىنى ساقلىدى.

  ئۈچ ئاپتوبۇس سىگنال بەرگەچ تەڭلا يېتىپ كەلدى، خۇشاللىققا تولغان داقا-دۇمباق ئاۋازى كۆككە كۆتۈرۈلدى، كۆپچىلىك تۇغقانلىرىنى ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان شەكىلدە قارشى ئالدى.

  «ئورۇندۇقلار تىزىلىپ بولدى، دەرھال ئولتۇرۇڭلار، سىلەرنىلا ساقلاپ قالدۇق!» كەنت ئاھالىلىرى تۇغقانلىرىنى ۋاقىتلىق قۇرۇلغان سەھنىنىڭ ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇردى. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرى بىلەن خۇردان كەنت ئاھالىلىرى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ھەمدە پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى تەربىيە ئېيى پائالىيىتى رەسىمىي باشلاندى.

  بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش يولىدا ھېسسىياتنى كۈچەيتىش، قېرىنداشلىق مېھرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە زىممىسىگە ئېلىش تۇيغۇسىدا ئېتىز-ئېرىقلارغىچە بېرىپ، خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە كۈچ چىقىرىش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى