8-ئاينىڭ 12-كۈنى، بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ساياھەتچىلەر بېلگىيە كارتون فىلىم ئوبرازلىرى مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: بېلگىيە «تىن تىن» ۋە «كۆك زېرەكچاقلار» قاتارلىق داڭلىق كارتون فىلىم ئوبرازلىرى بارلىققا كەلگەن جاي. بېلگىيە كارتون فىلىم ئوبرازلىرى مۇزېيى بىريۇسسېل شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان، بۇ جايدا ھەجۋىي رەسىم سەنئىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى، ھەجۋىي رەسساملار ئەسەرلىرى ۋە تۈرلۈك كارتون فىلىم ئوبرازلىرى كۆرگەزمىسى نامايان قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ جاي «كارتون فىلىم ئوبرازلىرى مەستانىلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى ماكانى» دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن.