تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

2018-يىللىق سايرام كۆلىنى ئايلىنىش يېرىم مۇساپىلىق مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

  باشلىنىش نۇقتىسىدا، ماھىرلار يۈگۈرۈشكە تەييارلانماقتا.

  ئۆز خەۋىرىمىز. 2018-يىللىق سايرام كۆلىنى ئايلىنىش يېرىم مۇساپىلىق مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00دا، پەللىدىن چىقىش بۇيرۇقىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 2000 ماھىر يۆلىياڭۋەندىن يولغا چىقتى. ئىگىلىنىشىچە، 2018-يىللىق سايرام كۆلىنى ئايلىنىش يېرىم مۇساپىلىق مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە يېرىم مۇساپىلىق مارافونچە يۈگۈرۈش تۈرىدىن سىرت يەنە، قىسقا ئارىلىققا مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى تۈرى قوشۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، يېرىم مۇساپىلىق مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى 21.09 كىلومېتىرلىق تۈرىگە 800 نەپەر ماھىر، قىسقا ئارىلىققا مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى بەش كىلومېتىرلىق تۈرىگە 1200 نەپەر ماھىر قاتناشقان.

(فەن گوبىڭ فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى