ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز خەي چاۋ خەۋىرى، فوتوسى: تومۇز ئىسسىقتا ساياھەتچىلەر سۇلۇق رايونلارغا بېرىشنى كۆپرەك تاللىدى. تومۇز كىرگەندىن بۇيان، باغراش كۆلى مەنزىرىلىك ساھىلى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سۇدا ئويناپ سالقىندايدىغان ياخشى جايى بولۇپ قالدى.
باغراش كۆلى مەنزىرە رايونى چوڭ دەريا ئېغىزى سۇ ئۈستى باغچىسى 6-ئايدا تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان، ئۆزگىچە مۇھىتى، مول مەزمونلۇق سۇ ئۈستى تۈرلىرى ۋە ئەلا مۇلازىمىتى بىلەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ تومۇز ئىسسىق كۈنلىرى ساياھەتكە چىقىشىدىكى ئالدىن تاللىشىغا ئايلاندى.