تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

باي ناھىيەسىنىڭ قاقلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بازار تاپتى

  تىيانشان تورى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز شۈ چۇنيىڭ خەۋىرى. باي ناھىيەسى ئونباش يېزىسى «سىخۇڭ» يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى جاڭ جيايوۋ 8-ئاينىڭ 4-كۈنى دەرەختە قۇرۇتۇلغان ئۆرۈك قېقىنى سېتىۋالغىلى كەلگەن خېرىدارلارغا: «قاقلىرىمىز تەبىئىي، زىيانسىز» دېدى.

  بۇ يىل دەرەختە قۇرۇتۇلغان ئۆرۈك قاقلىرى ئېلىكتىرونلۇق سودا سۇپىسى بولغان ئاقسۇ «زېڭزېڭ» مېۋىچىلىك گۇرۇھى ئارقىلىق بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ قاتارلىق شەھەرلەرگە سېتىلدى، شېكەر مىقدارى يېتەرلىك، يېيىشلىك بولغانلىقتىن، بۇ خىل قاق ئىستېمالچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، بۇ قاقنىڭ بازار باھاسى 60-90 يۈەنگىچە بولدى، شۇنداقتىمۇ تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالماي قالدى.

  باي ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قاھار ھامۇت مۇنداق دېدى: «بىز دېھقانلارنى ئۆرۈك قېقىنى دەرەختە قۇرۇتۇش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەخسۇس تېخنىكلارنى ۋە يەرلىك مۇتەخەسسىسلەرنى كەسپىي تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىشقا تەشكىللىدۇق، ئۇلار يۈزتۇرا دەرس ئۆتۈپ، قولمۇقول ئۆگىتىپ، ھەممە ئائىلىدە ئۆرۈك قېقىنى دەرەختە قۇرۇتۇش تېخنىكىسىنى بىلىدىغان بىردىن ئادەم بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى