ئۆز خەۋىرىمىز: مۇخبىرنىڭ 8-ئاينىڭ 9-كۈنى غۇلجا شەھەرلىك سودا ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 6-ئايغا قەدەر غۇلجا شەھىرىنىڭ يېزا ۋە يېزا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى 1 مىليارد 70 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33.50 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتى 1 مىليارد 34 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %35.40 ئاشقان.
بۇ يىل، غۇلجا شەھىرىدىكى نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتىدىن قارىغاندا، ئىلى چۈەننىڭ بىيو تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قارارلىق ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىدا تولۇق ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %98.16 ئېشىپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتىگە روشەن تۈرتكە بولغان؛ ئەنچى ئېچىتقۇسى (ئىلى) مەسئۇلىيەت چەكلىك شىركىتىنىڭ جەمئىي %15.38 ئاشقان؛ دۆلەت سېلىنمىسىدىكى ئىلى ئېنېرگىيە ئېچىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى غۇلجا شەھىرىدىكى ئىسسىقلىق بىلەن توكنى بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىدىغان ساھە بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەھسۇلات قىممىتى ئاساسلىقى 1-ئايدىن 4-ئايغىچە بولغان مەزگىلگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، مۇقىم سۈرئەتتە ئاشقان.
قۇرۇلما جەھەتتىن قارىغاندا، غۇلجا شەھىرىنىڭ يېنىك سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئېغىر سانائەتنىڭكىدىن تېز بولغان. 6-ئايدا، غۇلجا شەھىرىنىڭ يېنىك سانائەت قوشۇلما قىممىتى 710 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %52.60 ئاشقان؛ ئېغىر سانائەت قوشۇلما قىممىتى 360 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.40 ئاشقان؛ ئىقتىساد تىپىدىن قارىغاندا، پاي تۈزۈمىدىكى كارخانىلارنىڭ قوشقان تۆھپىسى يەنىلا بىر قەدەر چوڭ بولغان، 6-ئايدا، پاي تۈزۈمىدىكى كارخانىلارنىڭ قوشۇلما قىممىتى 1 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.10 ئاشقان.