ئۆز خەۋىرىمىز. ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى، قاغىلىق ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېتەكچىلىك قىلغان، قاغىلىق ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان 2018-يىللىق 9-نۆۋەتلىك شىنجاڭ خەلقئارا ئالاھىدە ساياھەت بايرىمى ۋە «قاراقۇرۇم ئۇپۇققا تۇتاش شەھەر» قاغىلىق . شىنجاڭ-شىزاڭ لىنىيەسى ئۆي ئاپتوموبىل ساياھىتى ئەترىتى، ۋېلىسىپىت ساياھەت ئەترىتىنىڭ يولغا چىقىش مۇراسىمى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى. 8-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۆي ئاپتوموبىلى بىلەن ساياھەتكە چىققۇچىلار ۋە ۋېلىسىپىت ساياھەت ئەترىتى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى ئالى ۋىلايىتىنىڭ پۇلەن ناھىيەسىگە يېتىپ كەلدى.
شىنجاڭ-شىزاڭ لىنىيەسىدىكى كۆل ياكى ئېگىز تاغ مەنزىرىسى بولسۇن، سىز يانفون ياكى ئاپپاراتتا سۈرەتكە تارتقىنىڭىزدا سىز شۇ قەدەر ئېسىل مەنزىرە كارتىنىسىغا ئىگە بولالايسىز.
(ليۇ يىمىڭ فوتوسى)