تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

يازدا بالىلارنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالسا ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاش كېرەك

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنجىڭ، 8-ئاينىڭ 12-كۈنى تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ نەنجىڭ شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ياز كىرگەندىن بۇيان، دوختۇرخانىنىڭ ئىچى سۈرگەن بالىلارنى قوبۇل قىلىشى كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن. مۇتەخەسسىلەر مۇنداق ئەسكەرتتى: يازدا بالىلاردا يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك ئىچى سۈرۈش كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئىچ سۈرۈشنى داۋالاشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئىچ سۈرۈشنى تېز توختىتىش ئەمەس، بەلكى سۇسىزلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش دورىلىرىنى كەلسە-كەلمەس ئىچكۈزمەسلىكى كېرەك.

  نەنجىڭ شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى يەن لۇبياۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىچ سۈرۈش بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلاردا ئوزۇقلىنىش ناچارلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب، ئېلىمىزدە بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئىچى ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن يىلىغا ئۈچ قېتىم ئەتراپىدا سۈرىدۇ. ئىچ سۈرگەندە ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاش كېرەك، بالىلاردا يېنىك، ئوتتۇراھال دەرىجىدە سۇسىزلىنىش كۆرۈلگەندە «ئىچىلىدىغان سۇيۇقلۇق تولۇقلاش تۇزى» سۇ تولۇقلاشتىكى بىرىنچى تاللاش بولالايدۇ. بۇنى بالىلار ئىچ سۈرۈش باشلانغاندىلا ئىچسە بولىدۇ. ياشقا قاراپ مىقدارىنى بەلگىلەش، شۇنداقلا ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم ئىچىش پىرىنسىپى بويىچە، تاكى ئىچ سۈرۈش توختىغىچە ئىچسە بولىدۇ.

  يەن لۇبياۋ يەنە مۇنداق دېدى: بەزى ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ ئىچەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ، شېكەر قوشۇپ ياكى تەمىنى سۇسلاشتۇرۇپ بېرىشنى ئويلايدۇ، بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ. بۇنداق قىلغاندا سۇ تولۇقلاش ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىپلا قالماي، زىيادە قوشۇلغان شېكەر بالىنىڭ ئىچ سۈرۈشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بالىلار «ئىچىلىدىغان سۇيۇقلۇق تولۇقلاش تۇزى»نى ئىچكەندىن كېيىن، ئاتا-ئانىلار دىققەت قىلىشى كېرەك، ئېغىر دەرىجىدە سۇسىزلىنىش خەۋپى بولسا، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك.

  يەن لۇبياۋ ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: بالىلارنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالغاندا، تەركىبىدە يىرىك تالا بار كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋىلەر، شۇنداقلا قەنت تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى يېگۈزمەسلىك كېرەك. بالىلارنىڭ ئىچى سۈرۈش ئالامەتلىرى يېنىك بولسا ھەم تەكرار قوزغالسا، بوۋاقلار ۋە بالىلارغا ماس كېلىدىغان ئۆسۈشكە پايدىلىق زەمبۇرۇغلارنى 1-2 ئاي يىگۈزۈشكە بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچەي يولى ئىقتىدارىنى ياخشىلاش، ئىچى سۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بەلگىلىك پايدىسى بار. بالىلارنىڭ ئىچى قايتا-قايتا سۈرسە، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىشتىن كېلىپ چىققان ئوزۇقلۇق خاراكتېرلىك تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن، تۇخۇم سېرىقى، چىلان، گۆش قاتارلىقلارنى كۆپرەك يېيىشكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى