ARJ21 بەلگىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى تۇرپان ئايرودۇرۇمىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىغا چىداشلىق بېرىش سىنىقى ئېلىپ بارماقتا.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن ARJ21 بەلگىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى 8-ئايدا تۇرپان ئايرودۇرۇمىدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىغا چىداشلىق بېرىش سىنىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.
مۇخبىرنىڭ 8-ئاينىڭ 12-كۈنى تۇرپان ئايرودۇرۇمىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو سودا ئايروپىلانى مەسئۇلىيەت چەكلىك شىركىتىنىڭ 700-ARJ21 بەلگىلىك ئايروپىلاننىڭ 103-قېتىملىق ئايروپىلانى يېقىندا تۇرپان ئايرودۇرۇمىدا 12 كۈنلۈك يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىغا چىداشلىق بېرىش سىنىقى ئېلىپ بارغان.
ئىگىلىنىشىچە، ARJ21 بەلگىلىك ئايروپىلانى ئېلىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە قىسقا مۇساپىلىك يېڭى تىپتىكى قاينام يەلپۈگۈچلۈك تارماق لىنىيە ئايروپىلانى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە، بۇ ئايروپىلان تىپى چېڭدۇ ئاۋىياتسىيە شىركىتىگە ئۆتكۈزۈلۈپ ئاۋىياتسىيە بازىرىدا تىجارەت باشلىغان.