تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگىنىگە ئىككى يىل بولدى

  توشۇلغان يولۇچى 16 مىليون 20 مىڭ (قېتىم)غا يەتتى

  مۇخبىرىمىز لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: 8 – ئاينىڭ 12 – كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەڭ چوڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول يولۇچى توشۇش بېكىتى ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگىنىگە ئىككى يىل بولدى، ئىككى يىلدىن بۇيان، بۇ ۋوگزالدا بىخەتەر توشۇلغان يولۇچى 16 مىليون 20 مىڭ (قېتىم)غا يەتتى.

  2016 – يىلى 8 – ئاينىڭ 12 – كۈنى، 42 كۈن سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت قىلغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى ۋوگزالى رەسمىي تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەن. ئىككى يىلدىن بۇيان، ئۈرۈمچى ۋوگزالى يولۇچىلار پويىزى قاتناش خەرىتىسىنى 17 قېتىم تەڭشەپ، سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت قىلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى كۈنىگە تۆت قوش يۆنىلىشلىك نۆۋەتچى ئوق پويىز قاتنايدىغان، ھەر كۈنى توشۇلىدىغان يولۇچى 2000 (قېتىم)غا يەتمەيدىغان ھالەتنى ھازىرقى 70.5 قوش يۆنىلىشلىك نۆۋەتچى پويىز (ئوق پويىز، ئادەتتىكى تېز پويىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)غا كۆپەيتىپ، كۈندىلىك توشۇلىدىغان يولۇچىنى 25 مىڭ (قېتىم)دىن ئاشۇرۇپ، يولۇچى توشۇش بېكىتىنىڭ تۈگۈنلۈك ئورنىنى كۈنسايىن گەۋدىلەندۈردى.

  ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا رەسمىي قاتناش باشلىنىشى ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان، كورلا، قومۇل، شىخەنزە، كۈيتۈن، قاراماي قاتارلىق جايلارغىچە بولغان بىر سائەتلىك، ئۈچ سائەتلىك قاتناش چەمبىرىكى بەرپا قىلىندى. تۇرپان، شىخەنزە قاتارلىق جايلار مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچى بىلەن بىر شەھەر ئېففېكتىنى شەكىللەندۈردى، ئاممىنىڭ بېرىش – كېلىشى بارغانسېرى قويۇقلاشتى، لىنىيە بويىدىكى شەھەرلەرنىڭ تەرەققىيات قەدىمى تەدرىجىي تېزلەشتى، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ لىنىيە بويىدىكى رايونلارنىڭ ئىقتىساد، ساياھەت، مەدەنىيەت قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش رولى كۈنسېرى كۈچەيدى.

  ۋوگزال ئەسلىدىكى B , A ئىككى پويىز كۈتۈش رايونىنى بىرلەشتۈرۈپ، پويىز كۈتۈش رايونىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، پويىز كۈتۈش رايونىدىكى ئورۇندۇقنى 4534كە كۆپەيتىپ، پويىز كۈتۈش رايونى مۇھىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەلالاشتۇردى؛ شىمالىي مەيداندىكى كۆتۈرمە قەۋەتلىك ھەقىقىي ئىسىم بىلەن بېلەت تەكشۈرتۈپ ئۆتۈش يولىنى سەككىزگە كۆپەيتىپ، ۋوگزال ئىچىدە بىر قېتىمدىلا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولۇچىلارنىڭ ۋوگزالغا كىرىش – چىقىشىغا قولايلىق ياراتتى؛ ۋوگزالنىڭ چىقىش ئېغىزى زالىدا ‹‹پويىز ئالمىشىش›› بېلەت سېتىش كۆزنىكى تەسىس قىلىپ، شۇ كۈنى پويىزغا ئولتۇرغان يولۇچىلارنىڭ ۋوگزال ئىچىدىلا پويىزغا بىۋاسىتە ئالمىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ ‹‹ھاجەتخانا ئىنقىلابى››نى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋوگزال ئىچىدىكى ھاجەتخانا مۇھىتىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈپ تۈزىدى؛ ئانا – بالىلار پويىز كۈتۈش ئۆيى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بوۋاقلار كارىۋىتى، چايدان، سۈت ئىسسىتىش ئەسۋابى، زاكا قاتارلىق كېرەكلىك بۇيۇملارنى كۆپەيتىپ، بالىسى بار يولۇچىلارغا ئىللىق، گۈزەل سەپەر مۇھىتى يارىتىپ بەردى.

  ئۈرۈمچى ۋوگزالى مەملىكەت بويىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول توردا تاماق زاكاز قىلىش نۇقتىسى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ۋوگزال بولۇپ، يولۇچىلار 12306 توردا تاماق زاكاز قىلسا، يولۇچىلار زاكاز قىلغان تاماقلار تېز سۈرئەتتە پويىزغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى