تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى

  ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  مۇخبىرىمىز لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 – ئاينىڭ 12 – كۈنى، ئاپتونوم رايون ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۈن يىغىندا مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي – قانۇن ئورۇنلىرى مەركەزنىڭ ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارار – ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، روھىي ماھىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دىققەتنى باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىشى كېرەك.

  جۇ خەيلۈن مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋر ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلاپ، ياخشى شارائىت ھازىرلىدى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ۋەزىيىتىنى تولۇق، ئېنىق تونۇپ، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئەمەلىيىتىدە ساقلانغان مەسىلە ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى كۆرۈپ يېتىپ، ئۇنى بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردىكى كۈچەش نۇقتىسى ۋە بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك. خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتكوم سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي – قانۇن خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ئەلالاشتۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، پارتىيە سىياسىي – قانۇن خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە – مېخانىزمىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ئەدلىيە تۈزۈلمىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال، يۈرۈشلۈك ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت بىرلىككە كەلگەن، قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك ئەدلىيە ھوقۇقى ھەرىكەت مېخانىزمى بەرپا قىلىشنى كۆزلەپ، ئەدلىيە مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئىسلاھاتى ۋە ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلۈك ئىسلاھاتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەدلىيە ھوقۇقىنى نازارەت قىلىش، چەكلەش قىيىن بولۇش، ھۆكۈم – كېسىم ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش؛ دەۋا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش بىلەن پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ مەنبەلىك، ئىنچىكە، ئادىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك دەۋا تۈزۈمى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش؛ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىسلاھاتى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئىسلاھاتى ۋە ئەدلىيە مەمۇرىيىتى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپ تۈزۈمى سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىش كېرەك.

  جۇ خەيلۈن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: يېڭى دەۋردىكى ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتەك شەرەپلىك بۇرچ ۋە مۈشكۈل ۋەزىپە ئالدىدا، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىپ، نازارەت قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش ۋە مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىسلاھاتنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، كونكرېتلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە ۋە خەلق رازى بولىدىغان ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى سارقىت ئاقان يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى