تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كىرئالغۇنى تازىلاش ئۇسۇلى

    كىرئالغۇنى ئەگەر ۋاقتىدا تازىلاپ تۇرمىسا، «كىرقىلغۇ» غا ئايلىنىپ قالىدۇ. پەقەت بىر قۇتا ئاق ئاچچىقسۇ بولسىلا كىرئالغۇنى تازىلاش ئاسانلىشىدۇ.

    بىرىنچى باسقۇچ: 200 مىللىلىتىر ئاق ئاچچىقسۇنى داسقا قۇيۇپ لۆڭگىنى چىلاپ نەمدەيمىز. نەمدىۋالغان لۆڭگىنى كىرئالغۇغا سېلىپ، كىرئالغۇنىڭ سىلكىپ قۇرۇتۇش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ لۆڭگىنى قۇرىتىمىز. بۇنداق قىلغاندا ئاق ئاچچىقسۇغا چىلانغان لۆڭگە كىرئالغۇنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭلىرىغىچە مىكروبلارنى ئۆلتۈرىدۇ.

    ئارقىدىن كىرئالغۇنى بىردەم توختىتىپ، ئاچچىقسۇ پۇرىقىنىڭ تولۇق يوقىشىنى كۈتىمىز.

    ئىككىنچى باسقۇچ: 50 گرام ئىچىملىك سودا بىلەن 500 مىللىلىتىر سۇنى ئارىلاشتۇرىمىز.

    ئارقىدىن سۇ قاچىلانغان كىرئالغۇغا ئارىلاشتۇرىۋالغان ئىچىملىك سودانى قۇيۇپ، كىرئالغۇنى بەش مىنۇت ھەرىكەتلەندۈرىمىز. بەش مېنۇتتىن كېيىن كىرئالغۇدىكى كىرلار پاكىز چىقىپ كېتىدۇ.

     كىرئالغۇنى تازىلاپ ئىككى سائەتكىچە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

    ئۈچىنچى باسقۇچ: كىرئالغۇنى يەنە بىر قېتىم چايقايمىز (漂洗). لۆڭگىنى ئاچچىقسۇغا يەنە بىر قېتىم چىلاپ، كىرئالغۇغا سېلىپ سىلكىپ قۇرۇتىمىز.

     كىرئالغۇدىن چىققان سۇ سۈزۈك بولغاندا كىرئالغۇنى تازىلاش باسقۇچى تاماملانغان بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى