خەلق گېزىتى خەۋىرى: 2018-يىللىق جۇڭگو كۆكتوقاي تەنتەربىيە ساياھەت دالا پائالىيىتى 8-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ كۆكتوقاي مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى كۆكتوقاي تەنتەربىيە ساياھەت دالا پائالىيىتىدە تاغلىق رايوندا ئۆرلەپ-چۈشۈش مۇسابىقىسى ۋە ئاپتوموبىل تۈز سىزىقلىق تېزلىك بەسلىشىش مۇسابىقىسىدەك تـەنـتـەربىـيە تۈرلىرى ۋە ئوقيا ئېتىش، قول قايرىشىش، ئارغامچا تارتىشىش، چېدىر تىكىش قاتارلىق ئىستىراھەت تۈرلىرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، مۇسابىقە خاراكتېرى ۋە قىزىقارلىق ئويۇن خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەن. بۇ پائالىيەتنى جۇڭگو تاغقا چىقىش جەمئىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارسى، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە بىرلىكتە باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، كۆكتوقاي ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى قاتارلىق ئورۇنلار ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان.