شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: 8-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدە 200 گە يېقىن ماي، گاز قاچىلاش پونكىتىنىڭ مۇھىتى ياخشىلىنىدۇ. قۇرۇلۇشنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا تاماملىنىشى مۆلچەرلىنىۋاتىدۇ.
مۇخبىرنىڭ 8-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش كومىتېتى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) دىن ئىگىلىشىچە، شەھەر مۇھىتىنى تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئالاھىدىلىكى روشەن، يېشىل، ساغلام، ئولتۇراقلىشىشقا مۇناسىپ كېلىدىغان، ئىناق شەھەر تۇرمۇش مۇھىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى ماي، گاز قاچىلاش پونكىتى مۇھىتىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشى يول يۈزى، مۇھىت تازىلىقى، پونكىت ئەسلىھەسى قاتارلىق ئۈچ چوڭ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
جۈملىدىن، يول جەھەتتە، پونكىتقا كىرىش-چىقىش يولى يۈزى رېمونت قىلىنىپ، پونكىت ئىچىدىكى يەر يۈزى تەكشىلىنىدۇ؛ قاتناش يول بەلگىسى، بەلگە سىزىقى ئۆلچىمىگە ئاساسەن، پونكىتقا كىرىش-چىقىش بەلگىسى، بەلگە سىزىقى ۋە ئاگاھلاندۇرۇش تاختىلىرى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ ئورنىتىلىدۇ؛ كىرىش-چىقىش ئېغىزى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، كىرىپ-چىقىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ قاتناشقا تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.
پونكىت ئەسلىھەسى جەھەتتە، كىرىش-چىقىش ئېغىزىدىكى كۆتۈرۈلۈپ تۆۋەنلەيدىغان خادىنىڭ ئېلان تاختىسى پۈتۈنلەي بىكار قىلىنىپ، خادىنىڭ رەڭگى بىر تۇتاش قېنىق كۈلرەك قىلىپ سىرلىنىدۇ. پونكىت تېمى بىر تۇتاش ئاق سىرلىنىپ، تاشقى قورشاۋ تام ئەتراپىدىكى مۇھىت بىلەن بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇلىدۇ، پونكىت ئىچى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر تولۇقلىنىپ، شەھەر قىياپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەسلىھەلەر رېمونت قىلىپ يېڭىلىنىدۇ ياكى ئېلىۋېتىلىدۇ.
تازىلىق جەھەتتە، ئەتراپتىكى ۋە پونكىت ئىچىدىكى قالايمىقان نەرسىلەر تازىلىنىپ، پونكىت ئەسلىھەسى، تېمى ۋە بەلگە تاختىلىرى سىرلىنىدۇ ھەمدە پونكىت ئىچى ئومۇميۈزلۈك تازىلىنىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش كومىتېتى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) مۇھىتنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ يىبىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە، مەركىزىي شەھەر رايونىدا 200 گە يېقىن ماي، گاز قاچىلاش پونكىتىنىڭ 150 ىدە ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، ئاي ئوتتۇرىسىدا خىزمەتلەر تەكشۈرۈپ باھالىنىدىكەن. ئۆلچەم ۋە بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە مۇھىت ياخشىلاش ۋەزىپىسىنى تاماملىمىغان ماي، گاز قاچىلاش پونكىتلىرى قانۇن بويىچە تىجارەت توختىتىپ تۈزەشكە بۇيرۇلىدىكەن.