تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

مۈگدىۋېلىشنىڭ مېڭىنى قۇۋۋەتلەشكە پايدىسى بار

ماتېرىيال سۈرەت

    بىرىنچى، مۈگدەش سەزگۈرلۈكنى ئاشۇرىدۇ. ئادەمدە سەزگۈرلۈك بولمىغاندا، چوڭ مېڭىنىڭ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلىشىدۇ، ھەرىكىتىمۇ ئاستىلاپ قالىدۇ. چۈشتە بىر ئاز مۈگدىۋالغاندا چوڭ مېڭىگە قۇۋۋەت تولۇقلىغىلى بولىدۇ.

  ئىككىنچى، مۈگدەش زېھىن- قۇۋۋەتنى ئۇرغۇتۇپ، توغرىلىق نىسبىتىنى ئاشۇرىدۇ. تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، چۈشتە ئۇخلاش ئادىتى بارلارنىڭ دىققەتكە مۇناسىۋەتلىك مېڭە رايونى چۈشتىن كېيىنمۇ ئاكتىپ ھالەتتە تۇرىدىكەن، ئەكسىچە چۈشتە ئۇخلاش ئادىتى بولمىغانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ جانلىقلىقى تۆۋەن بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن تەڭ، نەچچە ئون مىنۇت مۈگدىۋالغاندا ئادەمنىڭ قىسقا ۋاقىتلىق ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى كۈچىيىپ، خىزمەتنىڭ توغرىلىق نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن.

  ئۈچىنچى، مۈگدەشنىڭ تەدبىر بەلگىلەشكە پايدىسى بار. جانلىق پىكىر قىلىش ئىقتىدارى بىزنى ئوخشىمىغان ئوي-پىكىر ۋە ئوخشىمىغان ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ بىزنىڭ توغرا تەدبىر بەلگىلىشىمىزدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. مۈگدەش بۇ خىل بىلىش ئاكتىپچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، بىزنىڭ ھۆكۈم قىلىش ۋە تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

  تۆتىنچى، مۈگدەش ئۆگىنىش خاتىرىسىنى كۈچەيتىدۇ. مۈگدەشنىڭ يېڭى ئۆگەنگەن بىلىملەرنى مۇستەھكەملەشكە پايدىسى بار. تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، 60-90 مىنۇتقىچە بولغان چۈشلۈك ئۇيقۇ بىلەن بىر كېچە ئۇخلاشنىڭ ئۈنۈمى ئوخشاش بولىدىكەن.

  بەشىنچى، مۈگدەش كەيپىياتنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. مۈگدەش كەيپىياتىڭىزنى تەڭشىشىڭىزگە پايدىلىق.

  ئالتىنچى، مۈگدەش يېڭىلىق يارىتىشىڭىزغا پايدىلىق. ئوڭ مېڭىمىز ئىجادىي كۈچىمىز ۋە كۆزىتىش ئىقتىدارىمىزنى باشقۇرىدۇ. مۈگدەش ئوڭ مېڭىنى جانلاندۇرىدۇ.

  يەتتىنچى، مۈگدەش تەشۋىشلىنىشنى ئازايتىدۇ. كۈندۈزدە ئازراق مۈگدىۋالسىڭىز تەشۋىشلىنىشنى پەسەيتىشىڭىزگە پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى