شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ، شەرقىي 2-ئايلانما تۈرى قۇرۇلۇشى سەۋەبىدىن ئۇلانبايدىن شىسەن يۆنىلىشىگە ماڭغان ئاپتوموبىللار 3595 كىلومېتىر+590 مېتىرلىق بۆلەك، يەنى ساڭفاڭگوۋ ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ ئىككى كىلومېتىردىن كېيىن قۇرۇلۇش يان يولىدىن ماڭسا بولىدىكەن. قۇرۇلۇش يان يولىدا قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرسە، قاتناش توسۇلۇش ئەھۋالى يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغاچقا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ساقچىلىرى شوپۇرلارنىڭ قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان يولدىن ئۆتكەندە قۇرۇلۇش بەلگە تاختىسىغا دىققەت قىلىپ، ئاپتوموبىل سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، ئاپتوموبىل يولىنى ئۆزگەرتىشىنى تەۋسىيە قىلدى.
مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتى ئۇلانباي چوڭ ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە بىرىنچى باسقۇچلۇق ئۇلانبايدىن شىسەنگە ماڭغان يۆنىلىشتە يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان بولۇپ، غول يولنىڭ 925 مېتىر بۆلىكى ئېتىلغان؛ ئۇنىڭدىن كېيىن 2-باسقۇچتا قوش يۆنىلىشتە ئېتىلىدۇ، قوش يۆنىلىشتە قۇرۇلۇش يان يولىدىن ئايلىنىپ مېڭىشقا توغرا كېلىدىكەن. 10-ئاينىڭ 25-كۈنى قاتناش ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىدىكەن.