ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ 8-ئاينىڭ 9-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يەتتە ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەمئىي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى سانى 28 مىليون 805 مىڭ 300 ئادەم (قېتىم) بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە، 7-ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەمئىي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى سانى 8 مىليون 800 مىڭ ئادەم (قېتىم) گە يېتىپ، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشقان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 7-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە ئۈرۈمچى شەھىرى جەمئىي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى سانى 28 مىليون 805 مىڭ 300 ئادەم (قېتىم) بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %34.04 ئاشقان؛ ساياھەت ئومۇمىي كىرىمى 33 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33.79 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچىدىكى كېچىدە قونىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 10 مىليون 46 مىڭ ئادەم (قېتىم) بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29.87 ئاشقان؛ كۈتۈۋالغان بىر كۈنلۈك ساياھەت تۈرى بويىچە ساياھەت قىلغانلارنىڭ سانى 18 مىليون617 مىڭ 200 ئادەم (قېتىم) بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.74 ئاشقان؛ كۈتۈۋالغان چېگرادىن كىرگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 142 مىڭ 100 ئادەم (قېتىم) بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.04 ئاشقان؛ ياراتقان تاشقى پېرېۋوت 465 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.14 ئاشقان.