تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىستېرېئولۇق قاتناش ئالتاينىڭ رايون ساياھەتچىلىكىگە تۈرتكە بولدى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز خۇ جۈنشيۇ خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل 7 – ئايدا، كۆكتوقاي – قاناس تۆۋەن بوشلۇق ساياھەت ئايروپىلانى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچۇرۇلۇپ، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ئىككى مەنزىرە رايونى ئارىسىدا بوشلۇق كۆۋرۈكى بەرپا قىلىندى، بۇنىڭ بىلەن، مۇساپە قىسقىراپلا قالماي، ساياھەتچىلەر تۆۋەن بوشلۇق ساياھەت ئايروپىلانىدا ئولتۇرۇپ، بوشلۇقتىن ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ 1000 چاقىرىملىق سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى ۋە كۆكتوقاينىڭ شېئىرىي تۇيغۇ بېرىدىغان مەنزىرە رايونىنى كۆرەلەيدىغان بولدى.

  بۇ ئېسىل تۆۋەن بوشلۇق ساياھەت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ساياھەتچىلىك بىلەن ھەممىباب ئاۋىياتسىيە كەسپىنى بىرىكتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇشى، ‹‹ھاۋا بوشلۇقى ئاپتوبۇسى›› پىلانىنى يولغا قويۇشىدىكى بىر تۈرلۈك يېڭى كەسپى بولۇپ، ئالتاينىڭ ئاۋىياتسىيە ساياھەتچىلىكىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە ۋە پورتنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ئۇنىۋېرسال قاتناش تورىنىڭ كۈنسېرى مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، ئالتاي ۋىلايىتى دۆلىتىمىز ئىچى – سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر ئىنتىلىدىغان ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى. ئالتاي ۋىلايەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2017 – يىلى، ۋىلايەت بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 16 مىليون(قېتىم)غا يېتىپ، 2016 – يىلىدىكىدىن %50 ئاشقان، 2018 – يىلى 1 – ئايدىن 6 – ئايغىچە، ۋىلايەت بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 4 مىليون 487 مىڭ (قېتىم)غا يېتىپ، 3 مىليارد 520 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى يارىتىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37.6 ۋە %89.3 ئاشقان. ساياھەتچىلىكنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى ئالتاينىڭ تەرەپ – تەرەپكە تۇتاشقان ئىستېرېئولۇق قاتناش تورىنىڭ پايدىسىدىن بولدى.

  پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى قاتنىشى ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئامىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەم بىر شەھەرنىڭ ئېچىۋېتىشتىكى كۆزنىكى، ھەم شەھەر قىياپىتىنى نامايان قىلىدىغان كۆركەم كارتا. ئالتاي ۋىلايەتلىك ئاۋىياتسىيە كەسپى سېلىنما چەكلىك شىركىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇرۇلۇپ، ئۈرۈمچى، قاراماي، چۆچەك، غۇلجا، قەشقەر، كورلا، شىخەنزىدىن ئىبارەت ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يەتتە شەھەر ۋە شېنجېن، چۇڭچىڭ، جېڭجوۋ، لەنجوۋ، شىئەن، نەنجىڭدىن ئىبارەت دۆلەت ئىچىدىكى ئالتە ئاساسلىق شەھەرگە بىۋاسىتە ئۇچۇش ۋە ئارىلىقتا توختاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئالتاي بىلەن شىنجاڭ ئىچى – سىرتىدىكى ئاساسلىق شەھەرلەر ئارىسىدا ئاۋىياتسىيە يولى ھەقىقىي راۋانلاشتۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆكتوقاي – قاناس مەنزىرە رايونىدا ئايلىنىپ ئۇچۇشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى، كۆكتوقاي – قاناس تۆۋەن بوشلۇق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشى، شىنجاڭ ‹‹تيەنشياڭ›› ئاۋىياتسىيە شۆيۈەنى كۆكتوقاي بازىسىنىڭ رەسمىي تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈشى ئالتاي ۋىلايىتى ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەپ – تەرەپكە تۇتىشىش شارائىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى.

  ئالتاي ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ خۇڭمېي مۇنداق دېدى: ئالتاي ۋىلايىتىدە ئالتاي، قاناس ۋە كۆكتوقاي ئۈچ پۇقرالار ئايرودۇرۇمى قۇرۇلدى. بۇ يىل بۇرچىن ناھىيەسى، جېمىنەي ناھىيەسى، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدە ئۈچ ھەممىباب ئايرودۇرۇم قۇرۇپ، ۋىلايىتىمىزدىكى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمى ۋە ھەممىباب ئايرودۇرۇم ئارىسىدا ئايروپىلاننىڭ بېرىش – كېلىشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلاۋاتىمىز.

  2017 – يىلى 6 – ئاينىڭ 10 – كۈنى، بېيتۈن – ئالتاي تۆمۈر يولىدا رەسمىي پويىز قاتناپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ساياھەتچىلىكىگە ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيان توسالغۇ بولۇۋاتقان قاتناش ‹‹بوغما ھالىتى›› تۈگىتىلىپلا قالماي، شىنجاڭدا شىمالىي شىنجاڭدىكى ‹‹ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك››نى ئايلىنىپ يۈرىدىغان ساياھەت مەخسۇس پويىزى قاتناشقا باشلاپ، ھەر كۈنى غۇلجا، ئالتاي تەرەپكە قوش يۆنىلىشتە ئىككى پويىز ماڭدۇرۇلدى، مۇساپە رايون بۆلىكى ئۈرۈمچى، غۇلجا، ئالتاي ئۈچ جايدىن كېسىپ ئۆتۈپ، ئالتاينىڭ ساياھەت كەسپىدە ‹‹ئۇزۇن مۇساپە قىسقا ساياھەت›› ھالىتىدىن ‹‹تېز مۇساپە ئاستا ساياھەت›› ھالىتىگە ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  2017 – يىلى 9 – ئايدا، خېيلۇڭجياڭنىڭ ‹‹لۇڭتەي›› ناملىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۇنجى ساياھەت مەخسۇس پويىزى ئالتايغا يېتىپ بېرىپ، 9 – ئاينىڭ 5 – كۈنىدىن 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىگىچە، جەمئىي تۆت نۆۋەت قاتنىدى، ھەر نۆۋەتتە 900گە يېقىن كىشى توشۇلدى. بۇ يىل ‹‹لۇڭتەي›› ناملىق پويىزنىڭ نۆۋەت قېتىم سانى كۆپەيتىلىپ، ‹‹جىلىننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ساياھەت مەخسۇس پويىزى›› قاتناشقا باشلاپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردىكى نەچچە يۈز مىڭ ساياھەتچىنىڭ ئالتايغا بېرىپ ساياھەت قىلىشىغا تۈرتكە بولغۇسى.

  ئالتاي ۋىلايىتى ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشنى چۆرىدەپ، ‹‹قاتناش + ساياھەت›› قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، G216 لىنىيەسى بېيتۈن – كۆكتوقاي، S18 لىنىيەسى ئالتاي – بۇرچىن، S18 لىنىيەسى بۇرچىن – جېمىنەي پورتى، S232 لىنىيەسى بۇرچىن – قاناس ئايرودۇرۇمى، G331 لىنىيەسى بۇرچىن – قابادىن ئىبارەت بەش يۇقىرى دەرىجىلىك يول قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق يولغا قويۇپ، تاشيول مۇلازىمەت رايونى، ئاپتوموبىل توختىتىش رايونى مۇلازىمەت ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاشيول ئاممىۋى ھاجەتخانا ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا – كەنت ساياھەت تاشيولى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، يولنى مەنزىرە رايونىغىچە تۇتاشتۇرۇپ، غەربتىن شەرققە تۇتاشتۇرۇلغان ئالتاي رايونىدىكى مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىسىنىڭ تاشيول قاتناش تورىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى.

  بۇرچىن ناھىيەسى چۇڭقۇر بازىرى قىزىلقايىڭ كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئېربولا مۇنداق دېدى: ئاسفالت يوللار ياسالدى، شارائىت ياخشىلاندى، كېلىدىغانلار كۆپەيدى، كەنتىمىز قاينام – تاشقىنلىققا چۆمدى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت يەنە ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشىمىزنى قوللىدى، كىرىمىمىزمۇ خېلى كۆپەيدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى