تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نيۇ يەنچىڭ: شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەندۈرىمەن

سۈرەتتە: نيۇ يەنچىڭ (سولدا) دېھقان بىلەن سۈپەتلىك ئۆرۈكنى قانداق تاللاش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرماقتا (سۈرەت 6–ئاينىڭ 11–كۈنى تارتىلغان). سۈرەتنى ئۆزى تەمىنلىگەن

 شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۈيبيەن

     ‹‹بۇ ئورۇنى پىلاستىر بىلەن يەنە بىر قانچە قېتىم ئورىۋېتەيلى، تېخىمۇ پۇختا بولۇپ كەتسۇن››. 8–ئاينىڭ 5–كۈنى، مەن نيۇ يەنچىڭنى ئۇچراتقاندا، ئۇ، توشۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئورۇلارنى بىر–بىرلەپ تەكشۈرۈۋاتقان بولۇپ، ئورۇ ئىچىدىكىسى غەينۇلا ئىدى. نيۇ يەنچىڭ: ھازىر غەينۇلا بازارغا سېلىنىدىغان ۋاقىت. غەينۇلا ناھايىتى نازۇك بولغاچقا، ياخشى ئورىمىغاندا، ئاسانلا بىر–بىرىگە سوقۇلۇپ زىدە بولۇپ كېتىپ، تەمىگە تەسىر يېتىدۇ، دېدى. ئۇ، پىلاستىرنىڭ چاپلاش جەريانىدا تۈرۈلۈپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، قايتىدىن چاپلاشنى تەلەپ قىلدى.

  نيۇ يەنچىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: تۇنجى تەسىر ھەممىدىن مۇھىم، مېۋىمۇ شۇنداق. 2013–يىلى مەن تۇنجى قېتىم خېنەندىن ئاقسۇ شەھىرىگە ساياھەتكە كەلگەندە، شىنجاڭ چوڭ چىلىنىنى كۆرۈپ ھەم ئۇنى تېتىپ بېقىپ، چىلانمۇ شۇنداق چوڭ، تاتلىق بولامدۇ، دەپ ھەيران قالغانىدىم، مەندە شۇ چاغدىلا ئېلېكتىرونلۇق سودا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كېڭەيتىش ئويى پەيدا بولغانىدى.

  گۈزەل ئارزۇنى كۆڭلىگە پۈككەن نيۇ يەنچىڭ 2014–يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئاقسۇغا قايتا كەلدى. دەسلەپتە خېرىدار مەنبەسى ئانچە كۆپ بولمىغاچقا، مەھسۇلاتنى ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى ئارقىلىق ساتتى. ئەمما تېزلا رېئاللىق تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى. ناھايىتى تەسلىكتە زاكاز قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەشيا ئوبوروت تەننەرخى قىممەت بولغانلىقتىن، پۇل تاپالمايلا قالماي، دەسمايىسىدىنمۇ ئايرىلىپ قالدى. بىر ئايغا يەتمەيلا نيۇ يەنچىڭنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش خىراجىتىمۇ قالمىدى.

  ئەمما، 90–يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان بۇ قەيسەر قىز قىلچە ۋاز كەچمىدى. ئۇ تەپەككۇرىنى ئۆزگەرتىپ، مېۋە–چېۋە يايمىسى ئاچتى. نيۇ يەنچىڭ بۇ كەچۈرمىشى ئۈستىدە توختالغاندا ناھايىتى ھاياجانلاندى، ئۇ، گەرچە ناھايىتى چارچىغان بولسىمۇ، ئەمما كۆپ نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى.

  نيۇ يەنچىڭ بىر يىلغا يېقىن يايما ئېچىپ، تېرىش، توشۇشتىن سېتىشقىچە، يەرلىكنىڭ مېۋە–چېۋە بازىرىنى چوڭقۇر چۈشەندى. 2016–يىلىنىڭ بېشىدا، دوستلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، نيۇ يەنچىڭ ئاقسۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر رايونىغا ماكانلىشىشنى ئىلتىماس قىلدى، ئۇ، ئىش بېجىرىش ئورنىدىن ئۈچ يىل ھەقسىز پايدىلىنىش ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدى، ئىلگىرى ئۆزىنى قىيناپ كەلگەن ئەشيا ئوبوروت مەسىلىسىمۇ ئاقسۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر رايونىدا ھەقسىز ئامبار قۇرۇش، سوغۇق پېتى زەنجىرسىمان توشۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق ھەل بولدى.

  ساقلاش ۋە توشۇش مەسىلىسى ھەل بولغاندىن كېيىن، نيۇ يەنچىڭ يەنە تىجارەت دائىرىسىنى پائال كېڭەيتتى. دەسلەپكى ئالما سېتىشنى ئاساس قىلىشنى قوغۇن، ئاق ئۆرۈك، غەينۇلا، قەغەز ياڭاق قاتارلىق كۆپ خىل خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا ئۆزگەرتتى. نيۇ يەنچىڭ ئاقسۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر رايونى سۇپىسى ئەۋزەللىكى ھەم ئىلگىرى توپلىغان بىر قىسىم خېرىدار بايلىقىغا تايىنىپ، ‹‹تور ئىچى + تور سىرتى››نى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، كەسىپلەر رايونىغا ئورۇنلاشقان تۇنجى يىلىلا سېتىش سوممىسىنى 200 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردى.

  نيۇ يەنچىڭ تىجارەتنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، 2016–يىلى ئاقسۇ غەربىي قىسىم نيۇ نيۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ قۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن، شىركەتنىڭ تىجارىتى يىلدىن–يىلغا ياخشىلىنىپ، 2017–يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، تىجارەت سوممىسى 10 مىليون يۈەنگە يېقىنلاشتى.

  سېتىش سوممىسىنى 200 مىڭ يۈەندىن 10 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈشتە، نيۇ يەنچىڭ قوللانغان ئالاھىدە تەدبىر شۇكى، ئۇ مەھسۇلات سۈپىتىگە ئەھمىيەت بەردى. ‹‹ھاۋارايى ئامىلىنىڭ تەسىرىدە، مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىدە پەرق بولىدۇ، سۈپىتى ئوخشاش بولمىسا باھاسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، بىز بۇنى خېرىدارلارغا ئەينەن ئېيتىمىز››. ئادەتتە، نيۇ يەنچىڭ دائىم دېھقانلارنىڭ ئېتىزىغا بېرىپ، مېۋىلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، دېھقانلارغا قانداق ئۈزۈش، قانداق ئوراشنى قولمۇقول ئۆگىتىپ، مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىگە مەنبەدىن كاپالەتلىك قىلدى.

  بۇنىڭدىن باشقا، نيۇ يەنچىڭ ۋاكالەتچى سودىگەرلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شەكلى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دۇكانلارنى مال بىلەن تەمىنلىدى. نيۇ يەنچىڭ: ھازىر بىز شىنجاڭ سىرتىدىكى نۇرغۇن جايدا ئامبار قۇردۇق، دېدى. دەسلەپكى ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقاندىن كېيىن، نيۇ يەنچىڭ يېڭى نىشان بېكىتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، شىركىتىمىز خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش تۈرلىرىنى كۆپەيتىپ، سېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شىركەتنىڭ تەسىر كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كېڭەيتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى